ئەنگلىيە « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى »نىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ئىككى قولىدىن ئايرىلغان مۇزىكانت مارك گوففېنېي ئىككى پۇتى بىلەن گىتار چېلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى كېزىپ، ئۆزىنىڭ مۇزىكا ئارزۇسىنى روياپقا چىقارغان.
ئىگىلىنىشىچە، مارك تۇغۇلىشىدىلا ئىككى قولى يوق تۇغۇلغان. مۇزىكىغا بولغان ھېرىسمەنلىكى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىپ، پۇتى بىلەن مۇزىكا چېلىشقا دەۋەت قىلغان. ئۇ دادىسى ئېلىپ بەرگەن ئىككى تارلىق كونا گىتاردا مەشىق قىلىپ، 9 يېشىدا پۇتى بىلەن گىتار چىلىشنى تولۇق ھەم پۇختا ئىگىلىگەن. ھازىر ئۇ 46 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئامراق گىتارىنى چېلىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى كېزىپ بولغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved