فرانسىيە « دۇنيا گېزىتى »نىڭ 31- يانۋار فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 1- ئاينىڭ 31- كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيە تەرەپ بىر پەلەستىلىكنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بەيتئېل ئولتۇراق نۇقتىسىدا ئوق چىقىرىپ، ئۈچ ئىسرائلىيەلىكنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئاشكارلىغان.
ئىسرائلىيە ئارمىيە تەرەپنىڭ بىر پارچە باياناتىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: ۋەقە يۈز بەرگەندە بىر ئەر ئىسرائلىيە ئەسكەرلىرىگە قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، ئۈچ ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كېيىن ئىسرائلىيە ئەسكەرلىرى قايتۇرما زەربە بېرىپ، بۇ پەلەستىنلىك ئەرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. ئىسرائىلىيە قىزىل سۈنئىي ھەمراھ گۇرۇھى يارىلانغان ئۈچ نەپەر ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى كىشىنىڭ يارىسىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ نەق مەيداندىن خەۋەر بەرگەن بىر مۇخبىرىنىڭ ئېيتىشىچە، پەلەستىنلىك ئەر رامئاللاھ تەرەپتىن كېلىۋاتقان بىر ئاپتوموبىل ئىچىدىن ئوق چىقارغان، ۋەقەدىن كېيىن پەلەستىن تەرەپنىڭ قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنىڭ بۇ پەلەستىنلىك ئەرنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved