دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىكرو بىلوگىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، يېقىندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى كونسۇل مەھكىمىسىنىڭ جۇڭگو كونسۇل مۇلازىمەت تورىدىكى «جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ پاسپورتسىز كىرىشى ۋە بارغان جايدا ۋىزا باستۇرۇشىغا تاق يۆنىلىشلىك، شەرتلىك رۇخسەت قىلغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ جەدۋىلى»نى (2014-يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە) يېڭىلىدى، چىگرادىن كىرىپ-چىقىشنى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىغا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ چىگرادىن چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى ئۇقتۇردى.
بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ پاسپورتسىز كىرىشىگە تاق يۆنىلىشلىك رۇخسەت قىلغان دۆلەت 8 ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بارغان جايدا ۋىزا باستۇرۇشىغا تاق يۆنىلىشلىك رۇخسەت قىلغان دۆلەت 37.
بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگو بىلەن سان مارىنو، سېيشىل، ماۋرىتىئۇس، باھاما قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرمۇ ئادەتتىكى پاسپورتى بار جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. جۇڭگو پۇقرالىرى ئادەتتىكى پاسپورت بىلەن 12 دۆلەتكە ۋىزىسىز بارالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved