رۇسىيە زۇڭتۇڭى پوتىن بىلەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل 10- يانۋار ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە تېلېفۇنلاشتى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
پوتىن بىلەن مېركېل تېلېفونلاشقاندا ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. پۇتىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتىكى ئاساسلىق ۋەزىپە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىم رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى قايتىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاش. ئۇكرائىنا دائىرىلىرى شەرقىي قىسمىدىكى دۇنىستىك ئوبلاستى بىلەن لوگەنىسك ئوبلاستى ۋەكىلى بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشى كېرەك. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىنىسكى كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئۇكرائىنا، رۇسىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولۇش كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved