ئوغۇل پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدىكى بىر قانچە تەكلىپ-پىكىرلەر

    ئىلگىرى بىرەيلەن ئەگەر پەرزەنتىڭىز ئوغۇل بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن مۇساپىڭىز بەكمۇ ئۇزۇن دېگەنىكەن. بىر ئوغۇل پەرزەنتنىڭ ئاپىسى بولۇش سۈپىتى، بالىنىڭ تەبىئىي مىجەز-خاراكتېرى ئالدىدا نېمە قىلىشىڭىزنى بىلمەي قالامسىز؟ ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى تەكلىپ-پىكىرلەرگە قۇلاق سېلىپ بېقىڭ.

1. ئوغۇل بالىنى ئەركىن-ئازادە قويۇپ بېرىڭ: ھەرخىل بالىلار ئويۇنلىرىنى خالىغانچە ئوينىسۇن

بىر ياشانغان ئادەم مۇنداق دېگەنىكەن: «بالا ياۋا گۈلدەك ئەركىن-ئازادە ئۆسۈپ يېتىشلىشى كېرەك»، بۇ سۆز ماڭا بەكمۇ چوڭقۇر تەسىر قالغۇرغانىدى. ئوغلۇم ئەمدىلا مېڭىشنى ئۆگەنگەندە، ئۇنى يېزىدىكى ئاپاملارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇم. يازدا، بالام قۇمنىڭ ئارىسىدىن قۇرت تۇتۇپ ئوينايتتى، دەرەخ ئاستىدا چۈمۈلە تۇتاتتى، يالاغ ئاياغ ئېتىز قىرلىرىدا يۈگۈرۈپ ئوينايتتى، كۈن بويى توپا-چاڭغا مىلىنىپ قاسماق بولۇپ كېتەتتى. پاشا چېقىپ بەدەنلىرى ھۈررەك-ھۈررەك بولۇپ كەتكىنى ئاز دېگەندەك، ئىسسىقلىق چىقىپ بەدەن، يۈز-كۆزلىرىنىڭ ساق يېرى قالمايتتى، ئەمما ئۇ شۇنداق خوشال-خورام، ئەركىن قۇشتەك ئويناپ يۈرەتتى.

بالامنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشى تاش تېرىش بولۇپ، نەگىلا بارسا بىر نەچچە تال تاش تېرىۋالاتتى. ھەر قېتىم ئۇنىڭ كېيىم-كېچەكلىرىنى يۇيغاندا، ئىشتىنىنىڭ تېزى سۈرۈلۈپ يىرتىلىپ كەتكەندەك، تاش سېلىۋېرىپ يانچۇقىدىنمۇ تۆشۈك ئېچىلىپ قالغانلىقىنى بايقايتتىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئوغلۇمنىڭ كىيىمىنى ياماش ئۈچۈن ئۇششاق ماللار توپ بازىرىدىن نۇرغۇن ھايۋانات سۈرەتلىك ياماقلارنى سېتىۋالدىم. ھەرقېتىم بالام «ئاپا، ئېيىقچاق يەنە قېچىپ كەتتى» دېگەندە، ئۇنىڭ يانچۇقىنىڭ يەنە يىرتىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلەتتىم.

مەيلى يەسلى بولسۇن ياكى ئائىلىدە بولسۇن، ئوغۇل بالىلىرىمىزدا بۇنداق قاسماق، قالايمىقان ئەمما ئەركىن ئوينايدىغان مۇھىت ۋە پۇرسەت يوق، ھالبۇكى بۇنداق ئويناش دەل ئوغۇل بالىنىڭ ئەسلى تۇغما مىجەز-خاراكتېرىگە تازا ماس كېلىدۇ، بالىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئەركىن ۋە ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە پايدىلىق. ئوغلۇم تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئۆگىنىش بېسىمى ئېشىپ ئويۇن ئويناش تۈگۈل تۈزۈكرەك ئارام ئالىدىغان ۋاقتىمۇ چىقمىدى، ئەمما ئۇ «ھەرھالدا ئەركىن-ئازادە ئويناپ چوڭ بولغان بالىلىقىم بار ئىكەن، بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ئەسلىمە بولۇپ قالدى». بۇ ھەم مېنى ئېچىندۈردى ھەم سۆيۈندۈردى.

2. بالىڭىزنى ئائىلە ئىشلىرىنى قىلغۇزۇپ تۇرۇڭ: تۇرمۇش تەربىيەسى

    ئوغۇل بالىنى ئىشقا بۇيرۇتۇپ تۇرۇش كېرەك، «بالىغا زىيادە كۆيۈنۈپ، ھېچقانداق ئىش قىلدۇرماسلىق» بۇ كۈنىمىزدىكى ئاتا-ئانىلار سادىر قىلىۋاتقان خاتالىق. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىپ، ئوغۇللىرىنى ھېچقانداق ئىش قىلغۇزمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئانىنىڭ ئوغلىغا بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، ئوغۇل بالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئېچىشتىكى مۇھىم ئامىل. ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش پەقەت قىزلارنىڭلا ئىشى ئەمەس، نەرسە-كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇش جەھەتتە، ئوغۇل بالىنىڭ قىلالايدىغىنى ھەممە نەرسىلەرنى يىغىپ ساندۇق دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ ئىچىگە بىراقلا سېلىۋىتىش. بۇنداق قىلغاندا نەرسىلەرنى ئاسان تاپقىلى بولمايدۇ ھەم ئاسانلا قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ، شۇڭا ئوغلۇمنى نەرسە-كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن، بوشلۇقنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش تەييارلىقىنى قىلدىم. بۇنىڭدا مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن لايىھىلەنگەن نەرسە-كېرەك قويىدىغان ئىشكاپ بەكمۇ مۇھىم، مۇۋاپىق بولغان بالىلار ئىشكاپى تاللاش، بالىدا ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى ئۆزى يىغىشتۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ھالقىلىق مەسىلە، مۇۋاپىق بالىلار ئىشكاپىنى توغرا تاللىدى دېگەنلىك بۇ ئىشتا يېرىم مۇۋەپپىقىيەت قازاندى، دېگەنلىكتۇر. ئاتا-ئانىلار ئىشكاپنىڭ ئىشىك-تارتمىلىرىغا ئىشتان، چاپان دېگەندەك خەتلەرنى يېزىپ چاپلاپ قويۇشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئوغلىڭىز نەرسىلىرىنى ئاسانلا تاپالايدۇ. مەن دائىم ئوغلۇمغا: «سەنلا بولىدىكەنسەن، مەن ئىنتايىن خاتىرجەم» دەيمەن. بۇ گېپىمدىن ئوغلۇم شۇنداق مەغرۇرلىنىپ كېتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئائىلىدىكى مۇھىم ئورنىنى بارغانسېرى ھېس قىلىپ يېتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بالىغا قانچە كۆيۈنگەنسېرى، بالىنى شۇنچە ئائىلە ئىشلىرىغا سېلىپ تۇرۇش كېرەك، بىر ئادەم ئۆزىگە باشقىلارنىڭ مۇھتاج بولغانلىقىنى ھېس قىلغاندا ۋە باشقىلار ئۈچۈن مەلۇم بەدەل تۆلىگەندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ.

3. ئوغۇل بالىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇشى كېرەك: خىسلەت (ئەخلاق-پەزىلەت) تەربىيىسى

بالام ئىش ئۇققۇدەك بولغاندىن كېيىن، دادىسى بىلەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، بالىدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تەربىيەسى ئېلىپ بارماقچى بولدۇق. يەسلىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە بىز بالىمىزغا ۋە ئۇنىڭ نەۋرە ئاچىسىغا بىردىن ھايۋاناتلار توغرىسىدىكى كىتاب ئېلىپ بەردۇق، ئوغلۇم ئۇنى كۈندە قولىدىن چۈشۈرمەي كۆرۈپ يۈردى. بىر كۈنى ئوغلۇمنىڭ نەۋرە ئاچىسى ئۆزىنىڭ كىتابىنى كۆرۈۋىتىپ، دىنازاۋۇر بار بەتنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوغلۇمدىن سورىغاندا، ئۇ كىتابىنى چىڭ قۇچاقلىۋىلىپ، جىددىيلەشكەن ھالدا: «بىلمەيمەن، كىتابىڭدىكى دىنازاۋۇر ئۆزى قېچىپ كەتكەن ئوخشايدۇ» دېدى. ئاچىسى كىتابىڭنى كۆرۈپ باقاي دېسە، «بەرمەيمەن، ئۆزۈڭنىڭ كىتابىنى كۆر» دەپ تۇرىۋالدى.

مەن ئوغلۇمنىڭ ئاچىسىنىڭ كىتابىدىكى دىنازاۋۇرنى يىرتىپ، ئۆزىنىڭ كىتابىغا چاپلىۋالغانلىقىنى بايقاپ قالدىم-دە، ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنى قانداق قىلىدىغانلىقىنى سورىدىم. ئوغلۇم ئاچىسىدىن كەچۈرۈم سوراپ، دىنازاۋۇرنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن بېشىمنى چايقاپ، كەچۈرۈم سورىغاندىن باشقا، ئۆزىنىڭ كىتابىنى ئاچىسىغا تۆلەپ بېرىشى لازىملىقىنى، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى بۇزىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، يىرتىق كىتابنى ئۆزى كۆرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتىم. ئوغلۇم قىيمىغان ھەم ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىپ يىغلامسىرىغان ھالدا كىتابىنى ئاچىسىغا بەردى. ئۇنىڭ كىتاب ئىشكابىدا چاپلاقلىق كىتاب ھازىرغىچە ساقلاقلىق.

ئوغۇل بالا دېگەن خاتالىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. پەقەتلا كەچۈرۈم سوراپلا ئىشنى تۈگەتكەندە، ئۇ ئۆزى سادىر قىلغان ئىشنىڭ قانداق تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلمەيدۇ.

4. ئاخىرقى بىر جۈملە سۆز: ئوغۇل بالىنىڭ ئاپىسى «ئەركە» رەك بولۇشى كېرەك

ئوغلۇمنى كىچىكىدىنلا ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىمغا سالاتتىم. بازار ئايلانغاندا سومكامنى يەرلەردە سۆرەپ يۈرەمدۇ، توپىغا مىلاپ قويامدۇ، نېمە قىلسىمۇ سومكامنى كۆتۈرتۈپ قوياتتىم؛ ھەر قېتىم بىللە ئۆيگە قايتقاندا، ئوغلۇمنى ئىشىك ئاچقۇزاتتىم؛ ياخشى نەرسىلەرنى ئوغلۇم بىلەن تالىشىپ يەيتتىم؛ چۈنكى ئاپا دېگەن «ئايال» كىشى، ئەرلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە موھتاج. شۇنىڭ بىلەن بارا-بارا ئوغلۇم «ياردىمىم لازىممۇ؟» دەپ سوراپ تۇرىدىغان بولدى، ئاچىسىنىڭ، ئاپىسىنىڭ، مومىسىنىڭ «قوغدىغۇچىسى» غا ئايلاندى. ئوغۇل بالىنىڭ نەزىرىدە، كۆڭلىدە باشقىلار بولسىلا، ئاندىن ئۇ ھەقىقىي ئەركەك بولالايدۇ، توي قىلغاندىن كېيىن ياخشى ئەر، ياخشى دادا بولۇپ كېتەلەيدۇ.



خەتكۈچلەر:
27-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، باش بارماق ئارقىلىق خەت ئۇرۇپ ئۇچۇر يوللاش، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئېكراننى سۈرۈپ تېلېفۇن ئويناشتىن ئىبارە...
07-03-2016
ئەتىگەندە ئاشقازان ئاساسەن قۇرۇق بولۇپ، ئاچ قورساققا قېنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان ئۈچەينى بىئارام قىلىپ، ئىشتىھانى تۇتۇپلا قالماي، يەنە نېرۋا سىستېمىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەتىگەندە چاي ئىچكەندە بىرىنجى قېتىم دەملىگەن چاينى تۆكۈۋېتى...
02-03-2016
جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پ...
06-02-2016
    مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك. ...
06-02-2016
    ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلى...
05-02-2016
       سوپۇن پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭدا يۇيۇلۇپ پاكىز چايقالمىغان كىيم–كېچەك ياكى سۈيدۈك لاتىسىدا بۇنداق زىيانلىق ماددىلار قىسمەن ...
05-02-2016
  چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.    قان قەن...
04-02-2016
         بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسان زۇكام تىگىش، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەن...
04-02-2016
          شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە...
04-02-2016
     ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 200 كىشىنى 19 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە: تەركىبىدە كاروتېن مول بولغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن...
Powered by Leglek