‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى ئىراق بىلەن سۇرىيەدە تېز سۈرئەتتە زورىيىپ، رايون ھەتتا خەلقئارانىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىگە ئېغىر تەھدىت سالدى. ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ غالجىرلىق بىلەن كېڭىيىشىنى توسۇپ قالغىلى بولىدىغان – بولمايدىغانلىقى ئىراق ۋە سۇرىيە ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يۆنىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: خەلقئارا جەمئىيەت ھازىرقى ئەندىزىدىن پايدىلىنىپ، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتنى مەغلۇپ قىلالمايدۇ، ئۇلار چوقۇم خەۋپسىزلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى 2014 – يىلى ئىيۇندا ئىراقنىڭ غەربى، شىمالى قىسمى ۋە سۇرىيەنىڭ شەرقىدىكى كۆپ قىسىم زېمىنلارنى ئىشغال قىلىپ، باغدادنىڭ غەربىدىن 20 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى رايونغا قىستاپ كەلدى. ھازىر ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى 10 مىڭ كىشىدىن 100 مىڭ كىشىگە كۆپەيدى، ئەمەلىي كونترول قىلىۋاتقان رايونلارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 300 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى. ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە كۇرد قوراللىقلىرى ئىراقنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى بىلەن داۋاملىق جەڭ قىلدى، جەڭدە ئىككىلا تەرەپ قاتتىق تىركەشتى.
باغداد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەتشۇناسلىق پىروفېسسورى ئامارى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ تېز سۈرئەتتە زورىيىش سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ باش كۆتۈرۈشى تاسادىپىيلىق ئەمەس، 2003 – يىلى سادام ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىراقتىكى دىنىي مەزھەپلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش كەسكىنلەشتى، خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى كۈنسېرى يامانلاشتى. بۇ، تېررورلۇقنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كېڭىيىشىگە ئاساس سېلىپ بەردى. بۇنداق ۋەزىيەتتە ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى تارمىقىنىڭ كونتروللۇقىدىن بارغانسېرى ئايرىلدى ھەم بۈگۈنكىدەك زورايدى.
ئامارى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ خاتالىشىپ ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىشى ئىراقتىكى تېررورلۇقنىڭ ئەۋج ئېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 2011 – يىلى ئىراقتىن ئالدىراپ – تېنەپ چېكىنىشى ئىراقنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىشىنى، نەتىجىدە ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ تېز باش كۆتۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئامارى مۇنداق دېدى: ‹‹بازا›› تەشكىلاتىغا سېلىشتۇرغاندا، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ‹‹مۇرەككەپ ۋە ئىلغار››، گەرچە ئالىي قوماندانى باغدادىنىڭ ھايات ئىكەنلىكى تېخى ئېنىق بولمىسىمۇ، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى ھۇجۇملىرىنى ئازايتمىدى؛ تەشكىلاتى ئىراقتا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، كۆپ قىسىم جايلاردا ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن قاتتىق ئېلىشتى.
‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق، ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىشقا ۋە كېڭەيتىشكە ماھىر. ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ ئاددىي سىن كۆرۈنۈشلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرى ئۆلچەملىك سۈرەتكە ئېلىنىپلا قالماستىن، يەنە كۆرۈنۈشنىڭ ئاستى تەرىپىگە ئىنگلىزچە چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن. بۇ تەشكىلات ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىدىكىلەرنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭىپ كىرىپ، دىننى دەستەك قىلىپ نۇرغۇن ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئوتتۇرا شەرق رايونىغا بېرىپ، ‹‹غازات››قا قاتنىشىشقا ئازدۇردى.
ئىراقنىڭ سىياسىي ئوبزورچىسى جۇبۇرى مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە ئالاقەلىشىشىنى خېلى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەچكە، ئۇلار كەڭ كۆلەمدە يىغىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولدى. لېكىن، ھاۋا ھۇجۇمى دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار پۇقرالارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغاچقا، ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئۈنۈمى كۈتكەندەك بولمىدى.
جۇبۇرى مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەت ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنى ھاۋا ھۇجۇمىغا تايىنىپلا تەلتۆكۈس يوقىتالمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تېررورلۇقنىڭ يېڭى يۆنىلىشى ۋە ئۆزگىرىشىگە قارىتا، خەلقئارا جەمئىيەت خەۋپسىزلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى، جۈملىدىن تېررورلۇققا قارشى ئۇچۇرلارنى يىغىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق پايدىلىنىشنى كۈچەيتىشى، توردىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشى، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ كۆچمە مەبلىغى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلىشى، تېررورلۇقنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنى ھەرتەرەپلىمە چەكلەش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.
ئامارى مۇنداق دېدى: ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ تۇيۇقسىز باش كۆتۈرۈشى دۇنيانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا سىگنال بولدى. يېقىندىن بۇيان، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئەسەبىي كۈچلەر بۇ تەشكىلاتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، پات – پات ئۆز ئالدىغا ھۇجۇم قوزغاپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، قىسمەن رادىكال تەشكىلاتلار ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا ئەگىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
يۇقىرىقى ئەھۋاللار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ كۈچىيىشى رايون مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، دۇنيا خەۋپسىزلىكىگىمۇ زور تەھدىت سالماقتا.
ئامارى مۇنداق دېدى: تېررورچىلار ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، تېررورلۇق خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىت. ئىراق ۋە سۇرىيە شۇنداقلا ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى يامانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا تېررورلۇق تەھدىتلىرى روشەن كۆپەيدى، ‹‹مۇقەددەس جاي بوكو›› ۋە سومالى ياشلار پارتىيەسى ۋەكىللىك قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئافرىقىدىكى ھەرىكىتى ئەۋج ئالدى... بۇ يىل دۇنيا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ھالقىلىق يىل ھېسابلىنىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىشىپ تېررورلۇققا زەربە بېرىشى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان ھالەتكە يەتتى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved