قەۋزىيەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاددىي چارىلىرى

قەۋزىيەت بەدەندىكى ھۆللۈك ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ دەپ قارىلىدىكەن. غەرب تىبابىتىدە بەدەنگە يېتەرلىك يېمەكلىك تالاسى (膳食纤维) قوبۇل قىلىنمىغانلىقتىن بولىدۇ، دەپ قارايدىكەن. ھەربىرىمىزنىڭ ئۈچەي ئىقتىدارى ئوخشىمىغاچقا ئۈچەينى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كېتىدىغان يېمەكلىك تالاسىنىڭ مىقدارىمۇ ئوخشىمايدىكەن، ئادەتتە ئاياللار 25 گرام، ئەرلەر 30-35 گرام تالا قوبۇل قىلىشى كېرەككەن. دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە قەۋزىيەت قانچىلىك ئېغىر بولۇپ كەتسۇن، بىر ئادەم كۈنىگە 50-60 گرام يېمەكلىك تالاسى قوبۇل قىلسا ھەرگىز قەۋزىيەت بولمايدىكەن.

 

مەن سىزگە بىر قانچە ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلاي، سىناپ بېقىڭ، چوقۇم داۋاملاشتۇرۇڭ، ئاللاھ خالىسا ناھايىتى تېزلا قەۋزىيەتتىن قۇتۇلىسىز.



1. يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنى يەڭ. توردىن 高膳食纤维食物 دەپ ئىزدىسىڭىز تىزىملىكى چىقىدۇ. مۇمكىن بولسا يېمەكلىك تالاسىنىڭ تالقىنى ياكى دورىسىنى ئېلىپلا ئىچىڭ. تەركىبىگە باشقا ھېچنېمە قوشمىغاننى ئېلىپ كۈنىگە 2-3 قېتىم ئىچسىڭىز ئوڭشىلىسىز. بۇ دورا ئەمەس، يېمەكلىكنىڭ تەركىبىدە بار تەبىئىي نەرسە، شۇڭا سىزگە ۋە بوۋاققا ھېچقانداق باشقىچە تەسىرى بولمايدۇ، خاتىرجەم ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

 


يېمەكلىك تالاسى قاندىكى شېكەرنى تۆۋەنلىتىدۇ، خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىدۇ، گېمىروينىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. لېكىن نۇرغۇن ئادەملەر يېتەرلىك يېمەكلىك تالاسى ئىستېمال قىلمايدۇ. ئادەتتە تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەردە تالا يۇقىرى بولىدۇ.

 


1. قوناق


2. ئاق پۇرچاق


3. قارا پۇرچاق

 


4. قىزىل پۇرچاق (كىچىك قىزىل پۇرچاق ئەمەس، چوڭراق، جىگەر شەكىللىكى)

 


5. نۇقۇت


6. تاۋۇز


7. قارا بۇغداي


8. قارا گۈرۈچ


9. كۆك ماش


10. مەرجىمەك


11. نەشپۈت


12. ئارپا


13. گۈلسەي


14. ئالما


15. بادام
......


ئادەتتە تەخمىنەن يېرىم پىيالە قوناق ئۇنىنىڭ تەركىبىدە 20 گرام ئەتراپىدا يېمەكلىك تالاسى بولىدۇ. دېمەك ئىككى كۈندە بىرەر قېتىم ئۇماچ ئىچىپ قويساق، باشقا يېمەكلىكلەردىكى تالاغا قوشۇلۇپ بىزگە يېتەرلىك بولىدۇ.

 



2. ناشتىنى بالدۇر قىلىڭ. ئامال بار سائەت يەتتىدىن بۇرۇن ناشتا قىلىپ بولۇڭ. ناشتا قانچە كېچىككەنسېرى قەۋزىيەت ئېغىرلاپ كېتىدۇ.

 


3. مۇۋاپىق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىڭ، مېڭىش ۋە يۈگۈرۈش ئەڭ ياخشى تەنھەرىكەت. يەنە بىر تېمىدا دەپ ئۆتكەندەك، كۈنىگە كەمىدە 10 مىڭ قەدەم ئېلىپ بېرىش قەۋزىيەتتىن ساقلىنىش ۋە تەرەتنىڭ بالدۇر ھەزىم بولۇشىغا ئىنتايىن پايدىلىق.

 


4. ماۋۇ ئىنتايىن مۇھىم، قىلىش ئەڭ ئاسان ئىش، كۈنىگە بىر ياكى ئىككى قېتىم ئوخشاش ۋاقىتتا ھاجەتخانىغا كىرىڭ، باشقا ئىشلارنى ئۇنتۇپ، ئۇبۇرنىدا ۋېيشىن ئوينىماي مەن ھازىر چوقۇم ئىچىمدىكىنى چىقىرىۋېتىمەن دېگەن نىيەت بىلەن ئولتۇرۇڭ، تاكى راستىنلا كىچىككىنە بولىسمۇ بىر نەرسە چىققۇچە. ئۇدا 3-7 كۈنگىچە داۋاملاشتۇرسىڭىز كۈندە ئوخشاش ۋاقىتتا تەرىتىڭىز قىستايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قىستىغان ھامان دەرھال ھاجەتخانىغا كىرىشىڭىز لازىم، ئۇدا تەرىتىڭىز قىستىسىمۇ كىرمىسىڭىز قەۋزىيەت يەنە قايتىپ كېلىڭ سىزنى تاپىدۇ.

 


5. ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدىغان، يۇقىرى كالورىيىلىك يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىڭ. مەسىلەن ياغدا پىشۇرغان يېمەكلىكلەر، بەك جىق گۆش، شېكەر مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەر دېگەندەك.

 

 

ئۇندىن باشقا تۆۋەندىكى يېمەكلىك ۋە ئۇسۇللارمۇ قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ:

 


1. ئالمىنى تۆت پارچە قىلىسىز، ئاندىن كىچىك سىرلىق كورىغا كىچىككىنە سۇ قۇيۇپ شۇ سۇدا قاينىتىسىز، راۋۇرۇس يۇمشىغاندا (ئېشىپ كەتسە 10 مىنۇت كېتىدۇ) شۇ ئالمىنى يەۋېتىسىز، دەرھال ئىچىڭىزنى ھەيدەيدۇ. مەن ئەڭ ئېغىر قەۋزىيەتتىم، دېگەنلەرگىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلسام مەنپەئەت قىپتىكەن.


2. ئەنجۈر، ئۈجمە، بانان، بۆلجۈرگەن دېگەندەك ئىچىدە ئۇششاق ئۇرۇقچىلىرى بار مېۋىلەرمۇ قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ. داۋاملىق ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئادەت خارەكتېرلىك قەۋزىيەتنىمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئەنجۈر ئەڭ پايدا قىلىدۇ.


3. سۈپەتلىك مايلارمۇ قەۋزىيەتكە پايدا قىلىدۇ. سۈپەتلىك ماي دېگىنىمىز ئۈچەينى سىلىقلاش ۋە ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش رولى بار، لېكىن ئۆزى دەرھال تويۇنمىغان ياغقا ئايلىنىپ بەدەنگە ساقلىنىۋالمايدىغان (يەنى بەدەننىڭ مېيىغا ئايلىنىپ كەتمەيدىغان) مايلارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن زەيتۇن مېيى، كۈنجۈت مېيى، ماي مىقدارى مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى ماي دېگەندەك. مېنىڭ رېتسىپىم، پالەكنى قايناقسۇغا بىر بېسىۋېتىپ، ئۈستىگە كىچىككىنە تۇز سېپىپ--تۇز سالمىسىڭىزمۇ يېيەلىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى شۇ، چۈنكى تۇزمۇ قەۋزىيەتنى، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ--ئاندىن ئۈستىگە كۈنجۈت مېيىدىن نەچچە تېمىم سېلىۋېتىپ شۇنى يېسىڭىز قەۋزىيەتنى دەرھال ياخشىلايدۇ.

 

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
14-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-03-2016
جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پ...
06-02-2016
    مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك. ...
06-02-2016
    ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلى...
05-02-2016
       سوپۇن پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭدا يۇيۇلۇپ پاكىز چايقالمىغان كىيم–كېچەك ياكى سۈيدۈك لاتىسىدا بۇنداق زىيانلىق ماددىلار قىسمەن ...
05-02-2016
  چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.    قان قەن...
04-02-2016
         بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسان زۇكام تىگىش، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەن...
04-02-2016
          شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە...
04-02-2016
     ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 200 كىشىنى 19 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە: تەركىبىدە كاروتېن مول بولغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن...
03-02-2016
     باھار قۇياش بىلەن ئىللىق بولغىنىغا ئوخشاش، ئىنسانلار تۇرمۇشىمۇ مېھىر–مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ھەم سۆيۈملۈك.    مېھىر–مۇھەببەت ئىنسانلار قەلبىدىكى سەمىمىيلىك، ئاقكۆڭۈللۈك، مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق، ساپ ئەقى...
03-02-2016
         ئاۋسترالىيىلىك مۇتەخەسىسلەر يېقىندا 30 مىڭ ئادەمنى 23 تۈر بويىچە تەتقىق قىلغاندىن كېيىن مۇنداق بىر تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلدى: ئىزچىل بەدەن چېنىقتۇرۇش بەل ئاغرىقىغا ئۈنۈم بېرىدىغان ئەڭ ياخشى دورا بول...
Powered by Leglek