كورىيەدىكى بىر دورا ياساش شىركىتى 2-چېسلا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر ئون نەپەر كورىيە ئاياللىرىنىڭ ئىچىدە ئالتىسى ئۆز چىرايىدىن رازى ئەمەس ئىكەن، %40تىن ئارتۇق ئاياللار ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ باققان ئىكەن. % 84 زىيارەت قىلىنغۇچى ھۆسۈن تۈزەش ئوپېراتسىيەسىگە ئاكتىپ پوزىتسىيەدە ئىكەن. كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ تەكشۈرۈشنى دۆلەت ھالقىغان دورا كارخانىسى ئاللېرگاننىڭ كورىيەدىكى شۆبە شىركىتى ئىشلىگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %97 كورىيە ئاياللىرى گۈزەللىكنى ساقلاش بەك مۇھىم دەپ قارىغان، %61 زىيارەت قىلىنغۇچى ئۆزىنىڭ چىرايىدىن رازى ئەمەس ئىكەن؛ %42 زىيارەت قوبۇل قىلغۇچى ئاياللار ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ باققان، %42 زىيارەت قىلىنغۇچى ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ باقمىغان، لېكىن بۇندىن كېيىن ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشنى ئويلىشىۋاتماقتا ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved