ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى، بۇ رەسىملەرنى تۇنجى كۆرگەندە سىز چوقۇم بۇ شەھەرنىڭ دۇنيادىكى قايسى شەھەر ئىكەنلىكىنى پەزەر قىلالمايسىز. ناۋادا مەن بۇ رەسىملەرنىڭ جۇڭگونىڭ ۋۇخەن شەھىرىنىڭ ئاسمان بوشلۇقىدىن تارتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىسام نۇرغۇن كىشىلەر ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن. ئاسمان بوشلۇقىدىن تارتىلغان بۇ رەسىملەردە تاشقى قىياپىتى شۇنداق ئۆزگىچە چىرايلىق كەلگەن داچىلار رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، خۇددى چېكى يوق ئۇپۇققا تۇتاشقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. ھەر تەرەپكە تۇتاشقان يوللار ۋە يېشىل چىملىقلار داچىلار ئارىسىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، خۇددى سىرلىق ئوردىدەك ھالەتكە كەلتۈرگەن ئىدى.
ئاسمان بوشلۇقىدىن قارىغاندا بۇ داچىلارنىڭ ئۈستى ئاساسلىقى قىزىل، كۆك ۋە بىنەپشە رەڭنى ئاساس قىلغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ بىر خىل گەۋدىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: قىزىل رەڭ ئامەت ۋە بەخىتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ۋۇخەن شەھىرى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرى بولۇپ، جىياڭخەن تۈزلەڭلىكىنىڭ شەرقى قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى تارىخى مەدەنىيەت شەھىرى، سانائەت بازىسى، پەن-مائارىپ بازىسى ۋە ئۇنۋېرسال تۈگۈنى. ئون مىليوندىن ئارتۇق دائىملىق تۇرۇشلۇق نوپۇس بۇ شەھەرنى يەنە مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدىكى نوپۇس ئەڭ كۆپ شەھەرگە ئايلاندۇردى. سۈرەتتە: ھەر تەرەپكە تۇتاشقان يوللار ۋە يېشىل چىملىقلار داچىلار ئارىسىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، خۇددى سىرلىق ئوردىدەك ھالەتكە كەلتۈرگەن ئىدى.
ۋۇخەن شەھىرىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئولتۇراق ئۆي سېلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. سۈرەتتىكى نۇرغۇن ئۆيلەر مۇشۇ مەزگىللەردە سېلىنغان ئىدى.
ۋۇخەن شەھىرى ئەنگىلىيەنىڭ مانچېستېر شەھىرى بىلەن دوستانە شەھەرلەردىن بولسىمۇ لېكىن ئىككى شەھەرنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى پەقەتلا ئوخشىمايىتتى. ۋۇخەن شەھىرى پۈتۈن دۇنيادىكى سۇ بايلىقى ئەڭ مول بولغان شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، سۇ كۆلىمى پۈتۈن شەھەرنىڭ 1/4 نى ئىگەللەيدۇ.
ۋۇخەن شەھىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 8494.41 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 4.6% %نى ئىگەللەيدۇ؛ ۋۇخەن شەھىرىدىكى يەتتە مەركىزىي شەھەر رايونىنىڭ كۆلىمى 863 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
بۇ ئىمارەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىككى قەۋەت بولۇپ، سىرتقى قىياپىتى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ، زامانىۋى تۈسكە ئىگە.
ھەر تەرەپكە تۇتاشقان يوللار ۋە يېشىل چىملىقلار داچىلار ئارىسىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، خۇددى سىرلىق ئوردىدەك ھالەتكە كەلتۈرگەن ئىدى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved