ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر رايونلۇق سوتخانا مۇشۇ ئاينىڭ 27- كۈنى (چارشەنبە كۈنى) ئىرانغا ئامېرىكىنىڭ يادرو تېخنىكىسىنى ئەتكەس قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن جۇڭگو پۇقراسى سى خەيچېڭغا توققۇز يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان، بىراق ئۇنىڭ ۋاكالەتچى ئادۋوكاتى ئۆزىنىڭ گۇۋاھچىلىرىنى ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىدى دەپ قارىغان، چۈنكى مەزكۇر دېلودىكى ئىرانلىق جىنايەت گۇماندارى ئەيىبلەنمىگەن.
ئامېرىكىدىكى بوستون رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى:«سى چېڭخەي جۇڭگودا پۈچەك شىركەت تەسىس قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتىس ئىشتاتىدىكى MKS شىركىتىنىڭ شاڭخەيدىكى تارماق شىركىتىدە بېسىم ئۆلچىگۈچنىڭ بېسىم سەزگۈچىنى ئىشلەتكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىرانغا تاپشۇرۇپ بەرگەن» دەپ ئەيىبلىگەن.
سى چېڭخەي ئىرانغا يادرو تېخنىكىسىنى تاپشۇرۇپ بەردى،دەپ ئەيىبلەندى
بۇ خىل سەزگۈچنى خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ، ئۇران ساپلاشتۇرۇشتا گازلىق مەركەزدىن قاچقۇچ قىلىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدىغان بولۇپ، تەبىئىي ئۇراننى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئاتوم بومبىسىغا ئىشلىتىدىغان قويۇلدۇرۇلغان ئۇرانغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن، شۇڭا ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى قانۇنى بۇنى قاتتىق كونترول قىلىدىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، سى چېڭخەي ۋە ئۇنىڭ شېرىكى ئىرانلىق سەئىد جامالنى ئىران ئەيۋاز تېخنىكا شىركىتىگە زور مىقداردا بېسىم سەزگۈچ سېتىپ بەرگەن، ھالبۇكى بۇ شىركەت ئىراننىڭ يادرو قورالى پىلانىدىكى مال تەمىنلىگۈچى دەپ قارىلىدۇ،دەپ ئەيىبلىگەن.
سى چېڭخەينى 2014- يىلى لوندوندا ئەنگلىيە ساقچىلىرى قولغا ئالغان، كېيىن ئامېرىكىغا ياللاپ ئېلىپ بېرىلغان.
2015- يىلى 12- ئايدا، سى چېڭخەي ئامېرىكىنىڭ بوستون رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان.
بىراق، سى چېڭخەينىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى سىتېفىن ۋويمۇس 27- يانۋاردىكى ھۆكۈم چىقىرىشنى كۈتۈپ تۇرۇش ۋاقتىدا:«ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر تۈرلۈك سودا قارارىغا ئاساسلىنىپ مەزكۇر دېلودىكى جىنايەت گۇماندارى سەئىد جامالنى ئەرز قىلمىدى، بىراق ئۇنىڭ گۇۋاھچىسى جازالاندى، بۇ بەكلا ئادالەتسىزلىك بولدى» دېگەن.
ئامېرىكا ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان بىر تۈرلۈك سودا كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئىران ئۆزلىرى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان تۆت ئامېرىكىلىقنى قويۇۋەتكەن، ئامېرىكىمۇ يەتتە ئىرانلىقنى قويۇۋەتكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا يەنە 14 نەپەر خاتا ئەرز قىلىنغان ئىرانلىقنى قويۇۋېتىشنى قارار قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە جامالمۇ باركەن.
سىتېفىن:«جامال مەزكۇر دېلودىكى ئاساسلىق شەخس، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جامالنى شىكايەت قىلىشنى بىكار قىلىدىكەن، مەنمۇ تەپتىش مەھكىمىسىدىن سى چېڭخەينىڭ ئەرزىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىمەن» دېگەن. ئۇ يەنە:«مەن سوتچىدىن تەپتىش مەھكىمىسىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ سى چېڭخەينىڭ ئەرزىنى بىكار قىلىشنى ياكى سى چېڭخەينى ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى تونۇش سۆزىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىمەن» دېگەن.
بىراق ئامېرىكا فېدېراتسىيەسىنىڭ مەزكۇر دېلوغا مەسئۇل تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئەسلىدىنلا جامالنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئامالسىزكەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جامالغا قارىتىلغان ئەيىبلەشنى بىكار قىلىشى، سى چېڭخەينىڭ جىنايىتىنى تونۇش سۆزىنى قايتۇرۇۋېلىشقا يول قويۇشتىن دېرەك بەرمەيدىكەن. بۇ ئەمەلدار يەنە:«ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇنىڭ جىنايىتى بار» دېگەن.
سوتچى ئاقلىغۇچى تەرەپنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان، بىراق ھۆكۈم ئېلان قىلغاندا ئادىللىق پىرىنسىپى بويىچە ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەپتىش ئەمەلدارى سى چېڭخەيگە 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان، بىراق سوت ئاخىردا ئۇنىڭغا توققۇز يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.
ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرى ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا يۈكسەك دىققەت قىلىپ كەلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved