ئىككى يېغىن ۋەكىلىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى
ئۈلۈشكۈن سىياسى كېڭەش يېغىنى ئاخىرلاشتى. تۈنۈگۈن خەلق ۋەكىللىرى يېغىنى ئاخىرلاشتى.ئىككى يېغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۇيۇقسىز مۇنداقلا قالدۇرۇپ قويغان خاتىرەمدىكى بەزى مەزمۇنلارنىڭ ئەھمىيىتى بارلىقىنى بايقاپ قالدىم.
مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش دائىمى ھەيئەتنىڭ مۇئاۋىن كاتىپ باشلىقى بولغاندىن باشلاپ كۆپ قېتىم يۈ جېڭشېڭ رەئىسنىڭ نەق مەيدان يېغىنلىرىنى ئاڭلاش پۇرسىتگە ئېرىشتىم. ھەر قېتىم ئاڭلىغاندا ئوخشاش بولمىغان پايدىلىق بىلىملەرگە ئېرىشەتتىم. ئۇنىڭ يۇمۇرلۇق، ئېغىر بېسىقلىقى يېغىن ئارىلىقلىرىدا گەپ قىلشلىرىدىن ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
ئىككى كۈندىن بۇيان مەن مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش دائىمى ھەيئەتلەر يېغىن ئىشخانىسىدا سىياسى كېڭەشنىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ھەيئەتلەر دائىملىق يېغىنىنىڭ بەشىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يېغىنىغا قاتناشتىم. يېغىن تەرتىپى تۈگىگەندىن كېيىن ئەسلى قائىدە بويىچە رەئىس رەسمىي يېغىنچاقلاش يۈزىسىدىكى سۆز قىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق يۈ جېڭشېڭ رەئىس ئۇدۇللا:« ھەممە سىياسىي كېڭەش رەئىسلرى بار بولغاندىكىن مەن بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي، كۆپچىلىكنىڭ قايتقاندىن ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دېدى.
رەئىسنىڭ دېگىنى بولسا، 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى كۈنمىڭ ۋەقىسىدىن كېيىن، بەزى جايلار تىغ ئۇچىنى ئادەتتىكى ئۇيغۇر ئاممىسىغا قارىتىپتۇ، ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ جىسمانىي ھۇقۇقىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىپتۇ، تەكشۈرۈشتە تۇرۇشلۇق ئادرېس كېنىشكىسىنىمۇ تەكشۈرۈپتۇ، ھەتتا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى قوغلاپ چىقىرىشتەك ۋاستە قوللىنىپتۇ. يۈ جېڭشېڭ رەئىس ئاچچىقلانغان ھالدا بۇلارنىڭ ھەممىسى سىياسەتكە خىلاپ ، ناھايىتى ئەخمىقانىلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان قىلمىش، مۇشۇ ئىشنى قىلغان مۇناسىۋەتلىك خىزمەتچىلەر دەل تېررورچىلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش قىلىپ بەرگەن، تېرورچىلارنىڭ مەقسىتىمۇ دەل مۇشۇ دېدى. ئۇ يەنە
بۇنداق ئاددىيلاشتۇرۇلغان، قوپاللىق تۈسىنى ئالغان قىلمىش مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىپ، تېررورچىلارغا ئۆزىنى قويغۇدەك يەر تېپىپ بېرىدۇ، بۇ مەسىلىلەر بەزى كادىرلارنىڭ ئامما ئارىسىغا چۆكۈش سەۋىيەسىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
يۈ جېڭشىڭ رەئىس بۇ گەپلەرنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئېيتتى، « پارتىيە سىياسىتى پارتىيەنىڭ جېنى، كۆپچىلىكنىڭ ناھايىتى دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
بۇ سۆزلەر گەرچە يېغىن تەرتىپىدە بولمىسىمۇ ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن، ھەم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېيتالمايۋاتقان يۈرەك سۆزلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن يېغىن مەيدانىدا ئۇزاققىچە قىزغىن چاۋاكلار ئۈزۈلمىدى.
ۋاڭيى تورى ئىككى يېغىن مەخسۇس سەھىپىسىنىڭ «ھەيئەتلەر خاتىرىسى»دىن تەرجىمە قىلىندى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved