يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان يىمىرلىش خاراكتېرلىك چۈشۈش، ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك قاڭقىشتەك قاتتىق تىركىشش نەتىجىسىدە، خەلقئارا نېفىت باھاسىدە تۆۋەن سەۋىيىدە تەۋرىنىش ئەندىزىسى بارلىققا كەلدى. تۆۋەن نېفىت باھاسى سەئۇدى ئەرەبسىتان، رۇسىيە، ۋېسۇئېلا قاتارلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن شەك-شۈبھىسىز بىر ھايات-ماماتلىق سىناقتىن ئىبارەت. شۇ سەۋەبتىن بۇ دۆلەتلەر كەينى-كەينىدىن پەۋقۇلئادە تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ بۇ كرىزىسقا تاقابىل تۇردى.
سەئۇدى ئەرەبسىتان ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق بۇ كىرىزىسقا تاقابىل تۇرماقچى بولدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: سەئۇدى ئەرەبسىتاننىڭ خامچوتنى ئازايتىش، نېفىت كارخانىلىرىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ تۆۋەن نېفىت باھاسىغا تاقابىل تۇرماقچى بولۇشى، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان تۆۋەن نېفىت باھاسىغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ، ئۆز بازىرىنى قوغداپ، بازارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دەپ قارىدى. سەئۇدى ئەرەبسىتان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەت بولۇپ، 2014- يىلى 6- ئايدىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبسىتان ئىقتىسادى نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ۋە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ قىيىن ئەھۋالدا قالدى. 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتاننىڭ مالىيە قىزىل رەقىمى 97 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يېتىپ، 2015- يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %20 تىنى ئىگىلىدى.
رۇسىيەمۇ سەئۇدى ئەرەبسىتانغا ئوخشاشلا نېفىت ئېكىسپورت قىلشىقا تايىنىدىغان دۆلەت بولۇپ، نېفىت ئېكسپورت كىرىمى ھۆكۈمەت مالىيە كىرىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى غەربنىڭ ئىمبارگۇسىغا ئۇچراۋاتقان رۇسىنى تېخىمۇ ھالسىزلاندۇرىۋەتتى. رۇسىيە ئىقتىسادى تەرەققىيات مىنىستىرلىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2015- يىلى %3.8 تۆۋەنلەپ كەتكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 2016- يىلىمۇ رۇسىيە ئىقتىسادىدا مۇسپەت ئېشىش كۆرۈلمەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved