خەلقئارا نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ئاللىقاچان تېز ئۆسۈش دەۋرىگە كىردى، ئىككى كۈن ئىچىدە %99.5 لىك نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 30 دوللار ئۆسۈپ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنى خېلىلا سەمىرتىپ قويدى. 3- فىۋرال چۈشتىن كېيىن ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1126 دوللار بولغان ئىدى، 4- فىۋرال بىراقلا 17 دوللار ئۆسۈپ 1143 دوللارغا چىقتى، بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 12 يېرىمدا ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 1156.08 دوللارغا چىقىپ، بىر كۈن ئىچىدىلا 13 دوللاردىن كۆپرەك ئۆستى.
نەق كۆمۈشنىڭ باھاسى 14.87 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن بېرى 0.39 دوللار چۈشۈپ كەتتى؛ خەلق پۇلى بۇيىچە ھېسابلىندىغان قۇيما ئالتۇننىڭ باھاسى 244.16 يۈەنگە چىقىپ، تۈنۈگۈنكىگە قارىغاندا 3 يۈەن ئۆستى؛ شاڭخەي T+D ئالتۇنىنىڭ باھاسى 243.72 يۈەنگە چىقىپ، تۈنۈگۈنكىگە قارىغاندا 2 يۈەن ئۆستى؛ ساپ ئالتۇن دەپ قارىلىدىغان %99.99 لىك نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 297.25 يۈەنگە چىقىپ، تۈنۈگۈنكىگە قارىغاندا 7.25 يۈەن ئۆستى؛ خەلق پۇلى بۇيىچە ھېسابلىنىدىغان ئالتۇن قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى 245.80 يۈەنگە چىقىپ، تۈنۈگۈنكىگە قارىغاندا 2.5 يۈەن ئۆستى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved