ئامرىكا ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ 5-ئاينىڭ11-كۈندىكى خەەۋرىگە ئاساسلانغاندا،ئوخېئو شىتاتىدىكى سارا شىسىرسىت 9-چېسلا بىر جۈپ تاق بالا ھەمرىيلىق بالا تۇغقان.
بۇ قوشكېزەك ئاچا -سىڭىل تۇغۇلغان ۋاقىتتا بىر-بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇشقان ھالەتتە بۇلۇپ،ئاتا-ئانىسنى قەۋەتلا خۇشال قىلۋەتكەن.
بۇ بىر جۈپ ئاچا-سىڭىل كەم ئۇچرايدىغان تاق بالا ھەمرىيلىق قوشكېزەكلەر بۇلۇپ، ئانىسنىڭ قورسىقدىكى ۋاقتىدا ئىككىسى بىر بالا ھەمرىيى ۋە ھامىلە تەخسىسدا بىللە تۇرغان.دوختۇرنىڭ تۇنۇشتۇرشىچە،بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرلۈش نىسبىتى ئون مىڭدەن بىر ئىكەن.ئادەتتە بۇ خىل ئەھۋالدىكى قوشكېزەكلەر ئاسانلا كىنېك بېغىنىڭ چېگلىشىپ قېلشى تۈپەيلە قورساقتىكى ۋاقتىدلا ئۆلۈپ كىتىدىكەن.ھەتتا بەزىلىرنىڭ تۇتاش تەنلىك بۇۋاققا ئايلىنىپ قېلش خەۋپىمۇ بار ئىكەن.
بۇ ئانا ئەندىشە ئىچىدە 57كۈن ھامىلە ساقلاشتىن كىيىن ھامىلدار بۇلۇپ 33 ھەپتە بولغان ئەھۋالدا ئوپراتسىيەنى قۇبۇل قىلىپ ئامان-ئېسەن يەڭگىگەن.بوۋاقلارنىڭ ساق-سالامەت تۇغۇلغانلىقنى كۆرۈپ ئەر-ئايال ئىككەيلەن بەكلا خۇشال بۇلۇپ كەتكەن.
بۇ قوشكېزەكلەرنىڭ ئاپىسى سارا مۇخبىرنىڭ زىيارىتنى قۇبۇل قىلغاندا سۆزلەپ بىرشىچە، ھازىر بۇ قوشكېزەكلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بۇلۇپ 11-چېسلادىن باشلاپ نەپەشلىنىشكە ياردەم بېرىش ئەسۋابىغا تايانماي ئۆزلىرى ئەركىن نەپەس ئالالىغان.
سارا مۇنداق دەيدۇ:‹‹ئىككى بالامنىڭ ساق-سالامەت تۇغۇلغانلىقنى بىلىپلا سۆز بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە ھاياجانلىنىپ كەتتىم›› ئىگەللىنشىچە، ئىككى ئاچا-سىڭل ئاكلۇن دوختۇرخانىسدا تۇغۇلغان بۇلۇپ، ئاچىسى جېننا ئالدىدا تۇغۇلغان،ئېغىرلىقى 1.9kg،ئىگىزلىكى 48،43cm سىكونىتتىن كىيىن سىڭلىسى جىلى تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 1.7kg،ئېگىزلىكى 44cmئىكەن.
ئەمىليەتتە ئىلگىرى دوختۇرلار سارانىڭ بەلكىم پەرزەنىت كۆرەلمەسلىكى مۇمكىنلىكنى ئېيتقان ئىكەن.بىراق ئويلىمغان يەردىن ھازىر ئۇنىڭ بىر ياشتىن سەل ئاشقان ئوغلىغا يەنە بىر جۈپ قوشكېزەك قىزى قوشۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر جۈپ ئاچا-سىڭلنىڭ قول تۇتۇشقان ھالەتتە تۇغۇلشى ئادەمنىڭ بەكمۇ مەسلىكنى كەلتۈردۇ.
بۇ بىر جۈپ قوشكېزەكلەر ئانىلار بايرىمنىڭ ھارپا كۈنى كەچتە تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن سارا كۆلۈپ تۇرۇپ:‹‹بۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قالتىس ئانىلار بايرىمى سوۋغىتى ›› دىگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved