كورېيە شەرقىي شىمالى ئاسىيا تارىخ تەتقىقات يۇرتى دوكدو تەتقىقاتخانىسى 24-ئاۋغۇست دوكدو ئارىلى مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى يېقىندا ياپونىيە ھۆكۈمىتى 1951-يىلى سىزغان «ياپونىيە تەۋەلىكى پايدىلىنىش خەرىتىسى»نىڭ نۇسخىلانغان ھۆججىتىنى ئېلان قىلدى. بۇ خەرىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيە تەۋەلىكى بېكىتىلگەن «سان فىرانسىسكو تىنچلىق كېلىشىمى» ئىمزالانغاندا، دوكدو ئارىلى كورىيەنىڭ زېمىنى دەپ ئايرىلغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ خەرىتىنى 1951-يىلى 8-ئايدا ياپونىيە دېڭىز موداپىئە نازارىتى سىزغان، شۇ يىلى 10-ئايدا «سان فىرانسىسكو تىنچلىق كېلىشىمى» ئىمزالانغاندا، ياپونىيە پارلامېنتى خەرىتىنى قوشۇمچە سۈپىتىدە سۇنغان. كورىيەلىك تەتقىقاتچى مۇنداق دېدى: بۇ خەرىتە ئەينى چاغدا ياپونىيە بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكدو ئارىلىنىڭ كورىيە زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved