جۇڭشىن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .جۇڭشىن تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 22-كۈنى بەرگەن تېلېگراممىسى، سىنگاپور ‹بىرلەشمە سەھەر گېزىتى ›دا خەۋەر قىلىنىشىچە ،بىرما سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ ئەي 21-چېسلا بىر پارتىيە يىغىنىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ ،بىرمىنىڭ 2015-يىلى زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ،بىرىنچى قېتىملىق سايلامنىڭ 10-ئاينىڭ ئاخىرى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ،ئېنىق بېكىتىلگەن سايلام كۈنىنىڭ كېلەر يىلى 8-ئايدا ئاندىن ئېنىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان .
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:‹ بۇ قېتىمقى سايلام چوقۇم تارىختىكى ئەڭ ئادىل ۋە ئەڭ ئەركىن سايلام بولىدۇ ،قابىلىيەتلىك بىر سىياسىئون تاللاپ چىقىلىپ ھاكىمىيەت بېشىغا ئولتۇرغۇزۇلىدۇ ›.خەۋەر قىلىنىشىچە بىرمىدا ھازىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە2011-يىلى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان بىر تۈرلۈك يېڭى سىياسەتلەرنى يولغا قۇيۇپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىزچىل قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن .دېموكراتلار پارتىيىسى ئىچىدىكى كۈنشەن سۇجىنىڭ بۇ قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بۇلۇپ ، نۆۋەتتە ئۇ دۆلەت ئىچىدىكى داڭدار سىياسىئونلارنىڭ بىرى ئىكەن .
بىرما يېڭىى بىر نۆۋەتلىك سايلام ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بىرىنچى قېتىملىق پارلامىنېت يىغىنىنى ئېچىپ ، پارلامىنېت يىغىنىدىن كېيىن يېڭى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭنى بېكىتىپ چىقىدىكەن .گەرچە كۈنشەن سۇجى خانىم 69 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ قابىلىيىتى ھەممە كىشىنى قايىل قىلىدىكەن مۇناسىۋەت دائىرىسى كەڭ بۇلۇپ زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ دەپ قارىلىپ كەلگەن .بىراق بىرما ئاساسىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا كۈنشەن سۇجى زۇڭتۇڭلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمەيدىكەن .
چۈنكى بىرما ئاساسىي قانۇنىدا ،يولدىشى ياكى ئايالى چەتئەل نوپۇسىدا بولغانلار زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىغا كىرەلمەيدۇ دەپ بەلگىلەنگەن .كۈنشەن سۇجىنىڭ يولدىشى ۋە ئىككى ئوغلى دەل ئەنگلىيە نوپۇسىدا ئىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLELK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved