لىۋىيەدە كازافى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كىيىن، بۇ دۆلەتنىڭ ۋەزىيىتىدە تېخىمۇ مۇرەككەپ ئەھۋاللار پايدا بولۇپ، ئىككى پارلامېنت ۋە ئىككى ھۆكۈمەت بارلىققا كەلدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ دۆلەت پارچىلىنىش گىردابىغا بېرىپ يەتتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا، لىۋىيەدىكى قارشىلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ بىرلىككە كەلگەن يېڭى ھۆكۈمەت قۇردى، بۇنىڭغا خەلقئارا جەمئىيەت ئېھتىياتچانلىق پوزىتسىيەسى بىلەن مۇئامىلە قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دەۋەت قىلىشى ئارقىسىدا، بىر يېڭى لىۋىيە بىرلىككە كەلگەن ھۆكۈمىتى 19-يانۋار لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىدا قۇرۇلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. ھەمدە بۇ دۆلەتنىڭ كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىپ بىرلىككە كېلىش تەرەپكە قاراپ تاشلىغان يېڭى قەدىمى دەپ ئاتالدى. لىۋىيە دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشتەك كىرىزىسىگە يولۇقتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تەھدىت كۈنسېرى كۈچەيدى.
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: سىراجى رەھبەرلىكىدىكى بىرلىككە كەلگەن ھۆكۈمەت 32 ئوخشاش بولمىغان پارتىيە گۇرۇھلار ۋە رايون ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، لىۋىيەدىكى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىش قىلالماسلىقى يەنىلا كۆزىتىشكە ئەرزىيدىغان مۇھىم نۇقتا ئىكەن.
يېڭى ھۆكۈمەتنى تەشكىللەيدىغان ۋەكىلنى زۇڭتۇڭ كېڭىشى تەيىنلىگەن بولۇپ، بىراق زۇڭتۇڭ كېڭىشى 2015- يىلى 12- ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارەتچىلىكىدە، ماراكەشتە كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كىيىن قۇرۇلغان. بىراق، بۇ كېلىشىمنى گەرچە لىۋىيەدە ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىۋاتقان تۇفرۇگ پارلامېنتى بىلەن تېرىپولى خەلق پارلامېنتى ئىمزالىغان بولسىمۇ، بىراق قارشىلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەستىقلانمىغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيە ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى كېكبۇرى ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، غەرب ئەللىرى ئېتىراپ قىلغان لىۋىيە خەلقنىڭ تۇفرۇگ پارلامېنتىنى تېزدىن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشىغا دەۋەت قىلغانلىقىغا ئاپىرىن ئىتتى، بىراق ئۇنىڭ باياناتى ئىككى پارلامېنتىنىڭ دەرھال جاۋاب قايتۇرۇشىغا ئېرىشەلمىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 19-يانۋار باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋىيە زۇڭلى كومىتېتىنىڭ ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى ئىسىملىكىنى جاكارلىغانلىقىنى قارشى ئالدى. بان كېمون مۇنداق دېدى: بۇ لىۋىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بان كېمون، لىۋىيەلىكلەر لىۋىيە سىياسىي كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قوللاپ، بۇ ئارقىلىق لىۋىيە يولۇققان خىرىسنى ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ، زۇڭلى كومىتېتى ۋە بارلىق لىۋىيە رەھبەرلىرىنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئىختىلاپنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بان كېمون بارلىق لىۋىيەلىكلەرنىڭ لىۋىيەنىڭ سىياسىي كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قوللاپ، بۇ ئارقىلىق لىۋىيە ۋەزىيىتىنىڭ دېموكراتىيەلىشىش مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلدى.
فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيۇس 19-يانۋار لىۋىيە يېڭى بىرلەشكەن ھۆكۈمىتىنى قارشى ئىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە لىۋىيە ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرى مەسئۇلى مۇگەيرىنى لىۋىيەنىڭ بارلىق پۇقرالار قوللىغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى تېزدىن قۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى بولۇنۇش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىپ، تېررورلۇقنىڭ ئۇستىدىن غەلىبە قىلىشنى، ھەمدە ئىچكى بىخەتەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىقتىساد مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
لىۋىيەنىڭ سابىق مۇستەبىت ھۆكۈمرانى كازافى 2011- يىلى تەختتىن چۈشكەندىن كىيىن لىۋىيە ئىچكى قالايمىقانچىلىق ئىچىگە كېرىپ قالدى، 2014- يىلى يازدا تېررورچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلق ئەسكەرلىرى پايتەخت تىرىپولىنى ئىگىلىگەندىن كىيىن، ئەسلىدە خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان پارلامېنت شەرقىي قىسىمدىكى توفرۇگقا كۆچۈپ، ئىككى پارلامېنت شۇنىڭدىن كىيىن بولۇنۇش ۋە قارشىلىشىشتەك ئىچكى ئۇرۇش ھالىتىگە كېرىپ قالدى.
فىرانسىيە مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان، ئىسلام دۆلىتى تېررورچى تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەدىكى كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، نۆۋەتتە بۇ تەشكىلاتنىڭ لىۋىيەدىكى ئەسكىرى 3000 غا يەتتى، ئىسلام دۆلىتى تېررورچى تەشكىلاتى مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى 56 كىشىنىڭ قازا قىلىشىدەك تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى، ھەمدە شىمالىي قىسىمدىكى نېفىت بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى. لىۋىيەنىڭ نېفىت زاپىسى ئافرىقىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 48 مىليارد توڭغا يېتىدىكەن.
ھازىرقى باسقۇچتا، لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولى يەنىلا بىر قىسىم دىنى خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ تۇرماقتا، بىخەتەرلىكنى ئويلاشقانلىقتىن، لىۋىيە زۇڭلى كومىتېتى بىلەن مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى ۋاقتىنچە تۇنىستا ئىش بېجىرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved