قەشقەر ۋىلايەتلىك دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى شۈ گۇييىڭ مۇنداق دېدى: كىرىم خىزمىتىنى تەشكىللەشتە، باج ۋەزىپىسى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كىرىم ۋەزىپىسىنى تەشكىللەشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، كىرىمنى تەشكىللەش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، باج مەنبەسىنى ئەستايىدىل ئېنىقلاپ، كىرىم قىلىشتىكى يوچۇقلارنى تېپىپ، كىرىمنى ئاشۇرىدىغان يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، ئاساسلىق مەسئۇل كىشىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، كىرىم ۋەزىپىسىنى تەشكىللەشنى تىرىشىپ ئورۇندىدۇق. 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە 1 مىليارد 458 مىليون يۈەن باج يىغىپ، 430 مىليون يۈەن جامائەت خامچوتى بىلەن تەمىنلىدۇق.
ئىگىلىنىشچە، بۇ ئىدارە پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، يىغىشقا تېگىشلىك باجنى تولۇق يىغىپ، دۆلەت باج سىستېمىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق ئادا قىلىپ، باج خىزمىتىنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئىشلىگەن؛ باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، قانۇن بويىچە باج يىغىپ، باج يىغىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئارتۇق باج يىغمىغان؛ باج ئېلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تاپشۇرۇلمىغان باجلارنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نېسى باجنى تولۇق يىغىش، يېڭىدىن نېسى قىلماسلىق، باجنى باھالاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، باج يىغىش ۋە تاپشۇرۇشتىكى يوچۇقلارنى ئىتىپ، ئۈچ باسقۇچلۇق باج قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي باج ئېلىش - باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، باجنىڭ تولۇق يىغىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان؛ قىيىنچىلىقى بار ناھىيە، ئورۇنلارغا مەخسۇس نازارەتچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، كىرىم خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، خىزمەتتىكى قىيىنچىلىقلار ۋە ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان.
قەشقەر ۋىلايەتلىك دۆلەت باج ئىدارىسى كىرىم ھېسابلاش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۇڭ شياۋيۇڭ مۇنداق دېدى: باج خىزمىتىنى كۈچەيتىش كىرىم خىزمىتىنى تەشكىللەشنىڭ مۇھىم چارىسى. باج كىرىمىنى تەھلىل قىلىش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باج كىرىمىنى تەھلىل قىلىش يىغىنىنى ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ئېچىشنى ئايدا بىر قېتىم ئېچىشقا ئۆزگەرتىپ، ماكرو ئىقتىساد كۆرسەتكۈچىدىكى ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىپ، ئۇنىڭ باج كىرىمىگە بولغان تەسىرىنى ئانالىز قىلدۇق، باج مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ باج ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل ۋە تەتقىق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئالدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، كىرىمنى بەش كۈندە دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىرىمنى تەھلىل قىلىپ، كىرىمنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، كىرىم سۈرئىتىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ ئېنىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.
شۈ گۇييىڭ: ئاخىرقى بىر ئايدا، كىرىمنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، كىرىمنى باشقۇرۇش ۋە تەھلىل قىلىش، مۆلچەرلەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش، كىرىمنى تەشكىللەشتە ساقلانغان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئىگىلەش، تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇناسىپ تەدبىرلەرنى ئورتاق تەتقىق قىلىپ، ۋاقتىدا ئەستايىدىل يېتەكچىلىك قىلىپ، تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىرىم سۈرئىتىنىڭ مۆلچەرلەنگەن مۇددەتتە ئىشقا ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز، دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved