ئۈرۈمچى شەھىرىدە 8-يانۋاردىن باشلاپ نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ، نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بازىرىغا كىرىشتە ئاپتوموبىل ۋە خادىملارنىڭ ‹‹ھەقىقىي ئىسمى›› تىزىملىتىلىدۇ.
8-يانۋار مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچىسى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەشيا ئوبوروتى شەكلىدىكى بارلىق نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بازارلىرى چوقۇم بازارغا كىرمەكچى بولغان ئاپتوموبىل ۋە خادىملارنىڭ ‹‹ھەقىقىي ئىسمى›› نى تىزىملاپ، كىملىك، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى، خەلققە قولايلىق كارتىسى، مەھەللىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئىسپاتى، ئاپتوموبىل ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشى كېرەك ئىكەن.
ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدا نىمكەش ئاپتوموبىل كەسپىنى بېجىرىشتە ‹‹نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئىسپاتى›› نىڭ ئەسلى نۇسخىسى تەمىنلىنىپ، ئارخىپ ساقلىنىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاپتوموبىل باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاپتوموبىل ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە ئاپتوموبىل سېتىۋالغۇچىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى، كىملىكى، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى، مەھەللىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئىسپاتى قاتارلىقلارنى تەكشۈرىدىكەن ھەمدە شۇ كۈنى تىزىملاپ يۇقىرىغا يوللايدىكەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved