يەر شارى خەۋەر تورى 26-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراق پايتەختى باغدادتا بومبا قاچىلانغان ماشىنا ھۇجۇمىدا 6 كىشى ئۆلدى، 25 كىشى يارىلاندى. بىخەتەرلىك تارماقلىرىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، باغدادتنىڭ ئامەل رايۇنىدا توختىتىپ قويۇلغان بومبا قاچىلانغان بىر ماشىنا پارتلاپ نەتىجىدە 4 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 13 كىشى يارىلاندى. باغدادنىڭ مەھمۇدىيە رايۇنىدا يول بويىدا بومبا قاچىلانغان بىر ماشىنا پارتلاپ 2 كىشى ئۆلدى ۋە 12 كىشى يارىلاندى.
ئىراقتا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىيۇن ئېيىدا مۇسۇل قاتارلىق بىر قانچە رايۇننى كونترول قىلىۋېلىشىدىن كېىيىن، ئىراقنىڭ نۇرغۇن رايۇنلىرىغا توقۇنۇش ئوتى تۇتاشتى. پايتەخت باغدادتا پات-پات بومبا پارتلاش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىگە قوشنا دومبىۋالىدىكى مەلۇم خىمىيە-سانائەت زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ، 40 نەچچە ئادەم يارىلاندى.
...
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، پېرۇ ساقچىلىرى لالىبېرتاد ئۆلكىسى (La Libertad) سالپو بازىرىدىكى مەلۇم قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش كانىنى پارتلىتىۋەتتى. قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش ھەرىكىتى سىماب بۇل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved