ئەنگلىيەلىك ئالىملار ئىنسان تۆرەلمە گېنىنى ئۆزگەرتىش تەتقىقاتى ئىجازىتىگە ئېرىشتى

      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە ئالىملىرى مۇناسىۋەتلىك نازارەت تارماقلىرىنىڭ ئىنسان تۆرەلمە گېنىنى ئۆزگەرتىش تەتقىقاتى ئىجازىتىگە ئېرىشكەن.

     ئىنسانلارنىڭ تۆرەلمە گېنىنى ئۆزگەرتىش ئېغىر تالاش-تارتىش ساقلانغان ساھە بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئالىملار ئىنسانلارنىڭ تۆرەلمىسىدىكى DNA نى ئۆزگەرتىش، ئەڭ ئاخىردا ئىنسانلارنىڭ بوۋاقنى لايىھەلىشىگە يول ئېچىپ بېرىدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن.

بىراق ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل تەتقىقات ئالىملارنىڭ ئىنسانلار ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئەھۋالىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.

لوندوندىكى فىرانسىس كۇراك تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىملىرى ھازىر ئەنگلىيەدىكى ھامىلىدار بولۇش ۋە تۆرەلمەشۇناسلىقنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشىپ بولغان،  تەتقىقات ئورنىدىكىلەر ھامىلىدارلىقنىڭ بېشىدىكى يەتتە كۈندە تۆرەلمىنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىش تەجرىبىسى ئىشلەپ، بويىدىن ئاجراپ كېتىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمەكچى ئىكەن.

بىراق، قانۇندا بۇنداق تۆرەلمىنى ئانا تېنىگە كۆچۈرۈش چەكلەنگەن.


ئەنگلىيەدىكى ھامىلىدارلىقىنى ۋە تۆرەلمەشۇناسلىقنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئىلمىي تەجرىبە ئىلتىماسى سۇنغان فىرانسىس كۇراك تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور نىئاكان:«ئالىملار ئىنسان تۆرەلمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىر ساغلام بوۋاققا تەرەققىي قىلىش جەريانىدىكى گېن تەلىپىنى چۈشىنىپ بېقىشقا ئېھتىياجلىق»دېگەن.

ئۇ يەنە:«بۇ ئىنتايىن مۇھىم تەتقىقات. ھازىر بويىدىن ئاجراپ كېتىش بىلەن ھامىلىدار بولالماسلىق ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر، ئەمما بىزنىڭ بۇ توغرىلىق بىلىدىغانلىرىمىز بەكلا ئاز»دېگەن.


ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ھامىلىدىكى ھەر يۈز دانە تۇخۇمىنىڭ ئىچىدە پەقەت 50 دانىگە يەتمىگەن تۇخۇم يېتىلىپ خالتىلىق تۆرەلمە باسقۇچىغا بارالايدىكەن، ئەمما مۇشۇنداق تۇخۇمدىن 25 دانىسى بالىياتقۇغا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، پەقەت 13 دانىسىلا ئۈچ ئايدىن يۇقىرى ۋاقىتقىچە ياشىيالايدىكەن.

لوندون فىرانسىس كۇراك تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى پائول نورس:«مەن دوكتور نىئاكاننىڭ ئىلتىماسىنىڭ ھامىلىدارلىق ۋە تۆرەلمەشۇناسلىقنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەنلىكىدىن خۇشالمەن»دېگەن.

ئۇ يەنە:«دوكتور نىئاكاننىڭ تەتقىقات پىلانى ئىنسان تۆرەلمىسىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، بۇ تۈرلۈك تەتقىقات بەدەن سىرتىدا سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ»دېگەن.

دوكتور نىئاكان ئالدىنقى 10 يىل مەزگىلدە ئۇدا ئىنسانلار تۆرەلمىسىنىڭ يېتىلىش جەريانىنى تەتقىق قىلغان، ئۇ كېيىنكى باسقۇچتا بارلىق كۈچىنى ئىنسان تۆرەلمىسىنىڭ دەسلەپكى يەتتە كۈنلۈك تەرەققىياتىنى كۆزىتىشكە مەركەزلەشتۈرىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
03-02-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12-05-2016
    2016-يىلى 11-ماي خەۋىرى. كومپيۇتېر ئالىمى مايكېل ئىسلاندىيەدە ساياھەت قىلىۋاتقىنىدا، بىر يۈرۈش گۈزەللىكتە كىشىنى مەست قىلىدىغان ھەسەن-ھۈسەن مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتقان. تاغ، شارقىراتما، يېشىللىق بىرلەشكەن بۇ تەبىئەت مەن...
12-05-2016
   5-ئاينىڭ 11-كۈنى، شاڭخەي دىسنېي باغچىسى بەشىنجى كۈنلۈك ئىچكى قىسىم سىنىقى ئېلىپ بارغان بولۇپ، سىناق مەزگىلىدە گەرچە پەقەت خىزمەتچىلەرگىلا ئېچىۋېتىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلىپ قىلغان. ...
12-05-2016
    10-ماي، ساياھەتچىلەر خۇاڭخې دەرياسى خۇكو شارقىراتمىسى مەنزىرە رايونىدا ھەيۋەتلىك شارقىراتمىنى تاماشا قىلدى. ئاپرېل ئايلىرىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، يۇقىرى ئېقىندىكى ھۆل-يېغىن مىقدارىنىڭ ئاز بولۇشى ۋە خۇاڭخې دەرياسى غول ئېقىنىدىن...
11-05-2016
   شاڭخەي دىسنېي باغچىسى ئەتىدىكى دۇنيا مەنزىرە رايونى. 5-ئاينىڭ 10-كۈنى شاڭخەي دېسنىي باغچىسىنىڭ يەنە بىر ئىچكى سىناق كۈنى. باغچىدا تىجارەت باشقۇرغۇچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىچكى سىناققا قاتناشقۇچى ساياھ...
10-05-2016
    شاڭخەي دىسنېي باغچىسى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۇنجى دىسنېي باش تېمىسىدىكى باغچا بولۇپ، 2016-يىلى 16-ئىيۇن رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ. نۆۋەتتە باغچىنىڭ تىجارەت باشلاش مەزگىلى تەتۈر ساناققا قەدەم قويدى. باغچا مىچىل كوچىسى، ئاجاي...
09-05-2016
    شاڭخەي دىسنېي باغچىسى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۇنجى دىسنېي باش تېمىسىدىكى باغچا بولۇپ، 2016-يىلى 16-ئىيۇن رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ. نۆۋەتتە باغچىنىڭ تىجارەت باشلاش مەزگىلى تەتۈر ساناققا قەدەم قويدى. باغچا مىچىل كوچىسى، ئاجا...
09-05-2016
    ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى، 5-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىللىدىكى جۇڭگو ساياھەت كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايە...
09-05-2016
    ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرى بولسا 2016-يىللىق شىمالى ئامېرىكا يازلىق مەزگىلىنىڭ تۇنجى ھەپتە ئاخىرى، ھەريىللىق ئەڭ كەسكىن بولغان بېلەت كىرىمى تالىشىش جېڭى يەنە باشلاندى. بۇ يىل يازلىق مەزگىلدە يەنە مارۋېلنىڭ بىر سۇپېر قەھرىما...
09-05-2016
    ئۆزبېكىستان سەنئەت ساھەسىدىكى خانىش شۇنداقلا ئۆچمەس يۇلتۇز شاھزادە ئۆزىنىڭ بىر ھەپتىلىك كونسېرتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى رەسىملەردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنايلى.
09-05-2016
    مالايسىيا دېڭىز ئىشلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى 8- ماي ئىپادە بىلدۈرۈپ، 2- ماي مالايسىيانىڭ ساباھ ئۆلكىسىدە يوقاپ كەتكەن كېمىنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ۋەقەگە ئۇچرىغان بۇ كېمى...
Powered by Leglek