ئەنگلىيە <<كۈندىلىك پوچتا گېزىتى>>نىڭ 22-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پېرۇ پايتەختى لىما شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا ئېگىزلىكى 10 ئىنگلىز چىسى كېلىدىغان <<باي-كەمبەغەللەر تېمى>> بار بولۇپ، پېرۇدىكى بايلا ئولتۇرالاشقان سان جۇئاندې مىرافلورېس بىلەن كەمبەغەللەر ئولتۇراقلاشقان سۇركو كوچىسىنى ئايرىپ تۇرىدىكەن. <<باي-كەمبەغەللەر تېمى>> پېرۇنىڭ <<بېرلېن تېمى>> دەپ ئاتالغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى بىر خىل كەمسىتىش دەپ قارىغان. دەسلەپتە بۇ تامنى نامراتلار رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ بايلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوپۇرۇلغان. ئادەمسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەتلەردىن ئايان بولۇشىچە، بۇ ئېگىز تام نەچچە ئون كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، شۇ جايدىكى باي-كەمبەغەللىك پەرقى ھەققىدىكى نارازىلىقنى كۈچەيتىۋەتكەن.
شۇ جايدىكى بىر تاراتقۇنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شام بىلەن يورۇتۇلىدىغان ياغاچ ئۆيلەر بىلەن ئۆگزىلىرى ۋەيران بولۇپ كەتكەن ئۆيلەرنى نەچچە كىلومېتىر يىراقتىكى نەچچە مىليونلۇق ئېسىل داچىلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئاجايىپ روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل بولىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved