پۇتبول تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى.
ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى 7-ئايلانمىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خان مادرىد كۇلۇبى 25 توپ كىرگۈزۈپ بولدى. ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرىش ئوتتۇرىچە سانى 3.57 گە يەتتى.
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ بۇ ھەر بىر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3.57 توپ كىرگۈزۈشتەك قورقۇنۇشلۇق سانلىق مەلۇماتلىرى ياۋروپادىكى ئاساسلىق بىرلەشمە مۇسابىقىلەرنىڭ بىرىنچىسى بولغان. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن توپ كىرگۈزۈش سانى خان مادرىدقا ئەڭ يېقىنلاشقىنى بولسا سارس قەلئەسى قىزىل كالا كوماندىسى بۇلۇپ ، بۇ ئاۋستىرىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى كوماندا 11 ئايلانما مۇسابىقىدە 39 توپ كىرگۈزگەن. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر مەيداندا 3.54 توپ كىرگۈزگەن.
خان مادرىد تەرەپتىن ب ب س بىرىكمىسى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە جەمئىي 20 توپ كىرگۈزدى. بۇنىڭ ئىچىدە رونالدو 13 توپ، بېل 4 توپ، بېنزىما 3 توپ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ب ب س بىرىكمىسى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدىمۇ 5 توپ كىرگۈزدى.
بارسېلونا كۇلۇبى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە جەمئىي 19 توپ كىرگۈزگەن بۇلۇپ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر مەيداندا 2.71 توپ كىرگۈزگەن. بۇنىڭ ئىچىدە نېيمار 7 توپ ، مېسسى 6 توپ كىرگۈزگەن.
ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى تەرەپتىن چېلسىي كۇلۇبى 7 ئايلانما مۇسابىقىدە 21 توپ كىرگۈزدى. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر مەيداندا 3 توپ كىرگۈزگەن. بۇ 21 توپنىڭ ئىچىدە دىيوگو كوستا 9 توپ كىرگۈزگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنىڭ بىرىنچىسى بولغان بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 2.14 توپ كىرگۈزگەن.
ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنىڭ بىرىنچىسى بولغان يۇۋىنتىس كۇلۇبى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 2.16 توپ كىرگۈزگەن.
فرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنىڭ بىرىنچىسى بولغان مارسا كۇلۇبى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 2.55 توپ كىرگۈزگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved