گۇئادىئولانىڭ ياۋروپانىڭ بويسۇندۇرۇش 3-قەدىمى: ئېنگىلاند بىرلەشمىسى

     گۇئادىئولانىڭ ياۋروپانىڭ بويسۇندۇرۇش 3-قەدىمى: ئېنگىلاند بىرلەشمىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش

2013-يىلى 1-ئايدا، بايرېن ئورگان تەرەپ گۇئادىئولانىڭ 2013-2014-پەسىلدىن باشلاپ كوماندىنى يىتەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى؛ 2015-يىلى يىل ئاخىرىدا، گۇئادىئولا بايرېن بىلەن توختام ئۇزارتمايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى، 2015-2016-پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كوماندىدىن ئايرىلىدۇ. 2013-14-پەسىلدىن مۇشۇ پەسىل ئاياقلاشقىچە، گۇئادىئولا بايرېندىكى ئۈچ يىلدا ئۈچ بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. ئىسپانىيە بىرلەشمىسى، گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن، گۇئادىئولا ئېنگىلاند بىرلەشمىسىگە تەييارلاندى.

       يېقىنقى يەتتە يىلدا، گۇئادىئولا پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ترېنېرنىڭ بىرى، 2008-يىلى يازدا، بىرىنچى كوماندىنى يىتەكلەش تەجىربىسى يوق گۇئادىئولا تاسادىپىيلا بارسېلونانىڭ ترېنېرىغا ئايلاندى. 2008-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە، گۇئادىئولا بارسېلونادىكى تۆت پەسىلدە ئۈچ قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، ئىككى قېتىم شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، ئىككى قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى، ئۈچ قېتىم ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، ئىككى قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، ئىككى قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلىقى بولۇپ، تۆت يىلدا 14 چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشتى، گۇئادىئولا تارىخ بېتىگە كىرگەن خاندانلىق ياراتتى.

       گۇئادىئولانىڭ كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان تەرىپى بولسا ئۆگىنىشكە ماھىر، ئالاقە قىلىشقا ماھىر، تەسىرلەندۈرۈشكە ماھىر. پۇتبول ساھەسىدە يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كېيىن، تاكتىكا ئىنقىلابى تېز سۈرئەتتە ئاستىلىدى، گۇئادىئولانىڭ پەيدا بولىشى پۇتبول ساھەسىدىكى ئىنقىلابنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى. گۇئادىئولانىڭ ئىلھامى ئۆگىنىشتىن كەلگەن. ئۇ ئوخشىمىغان ساھەسىكى مۇتەخەسىسلەر ئىچىدە يېڭى پۇتبول پەلسەپىسىنى ئۆگەندى. 90-يىلىدىن كېيىنكى خەلقئارا شاھمات ئالاھىدە دەرىجىلىك ماھىرى ماگىنۇس كارسېندىن گۇئادىئولا يەكۈنلەش، ئالدىن نەزەر سېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆگەندى-گۇئادىئولا بىر مەزگىل خەلقئارا شاھمات ئويناشقا ئامراق بولۇپ قالغان.

باشقۇرۇش ئىلىمى تەرەپتە، گۇئادىئولا باشقا ساھەدىكىلەرنىڭمۇ تەجىربىسىنى قوبۇل قىلغان. ئىتالىيەلىك داڭلىق ۋالبول ترېنېرى، ترېنېرلىق پىسخىك مۇناسىۋەت ئىلىمى پرافېسسورى جۇلىئو ۋېلاسكا ئىلگىرى گۇئادىئولاغا :«سەن بارلىق توپچىلارغا بىر خىل نەزەردە قارىساڭ بولمايدۇ، ئوخشىمىغان كوللىكتىپ ۋە شەخىسكە ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلىشىڭ كېرەك.» دېگەن. بۇ تەكلىپ گۇئادىئولاغا چوڭقۇر تەسىر قىلغان، مېسسىنى ئالاھىدە ھوقۇقى بار قىلغان «مېسسىئىزىم» شۇ سەۋەبتىن بارلىققا كەلگەن. گۇئادىئولا تەپەككۇر قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، 2008-09-پەسىل بېرنابۇدىكى دۆلەت دېربىسدىن ئىلگىرىكى بىر كېچىدە، گۇئادىئولا ئۆزى يالغۇز بىر ئادەم بېرنابۇغا كەلدى، ئولتۇرۇپ چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش ئىچىدە، مېسسىنى 9-نومۇر قىلىپ ئوينىتىش ئىلھامى قوزغالدى، دەرھال ئۇخلاشقا تەييارلانغان مېسسىغا تېلفون قىلدى، نەتىجىدە دۇنياغا داڭلىق بولغان 6-2 نەتىجىدە مادرىدنى قىرغىن قىلىش بارلىققا كەلدى.

2012-13 پەسىل، گۇئادىئولا نىيويوركتا دەم ئېلىۋاتقان مەزگىلدە، ئۆزىگە ئېنىرگىيە توپلىدى، قايتىدىن يېڭى تەكلىپنى قوبۇل قىلدى. 2013-14 پەسىل پېپ پېنسىيەگە چىققان ھايىنكىسنىڭ ئورنىنى ئېلىپ بايرېنغا كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا بايرېن ئۈچ شاھ بولۇپ، ئاللىقاچان چوققىغا يەتكەن ئىدى. ئۈچ يىلدا، گۇئادىئولا بۇرۇنقىدەكلا بايرېننىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاپ قالدى. بايرېندىكى تۇنجى پەسىلدە، گۇئادىئولا كوماندىنى يىتەكلەپ گېرمانىيە بىرلەشمىسى، گېرمانىيە لوڭقىسى، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. ئالدىنقى پەسىلدە بايرېن قايتا ئاسانلا گېرمانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. مۇشۇ پەسىلدە بايرېن يەنىلا ئەۋزەللىككە ئىگە، چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. ئەلۋەتتە ئەڭ مۇھىمى ئۇزغۇنلۇق، 2013-14 پەسىل يېرىم ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدە بايرېن مادرىد تەرىپىدىن ئومۇمى 5-0 نەتىجىدە مەغلۇپ بولدى، ئالدىنقى پەسىللىك يېرىم ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدە بارسېلوناغا ئۇچراپ شاللاندى، بۇ پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟ ناھايىتى چوڭ دەرىجىدە گۇئادىئولانىڭ شەرەپ بىلەن ئايرىلىش ياكى تىنىچلا ئايرىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.

گۇئادىئولا كۈچ، بەدەن، ھۇجۇم قىلىپ ئويناش ئۇسلۇبىدىكى بايرېننى پاس بېرىپ كونترول قىلىدىغان، كىچىك پاسلىشىدىغان كوماندىغا ئايلاندۇرۇپ، گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇردى، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنى كونترول قىلىشىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى. گۇئادىئولا ئايرىلسىمۇ ناھايىتى چوڭ سۈپەت ئايرىلىدۇ، ئۇ 20 مىلىيون ياۋرولۇق توختام ئۇزارتىشنى رەت قىلدى. گۇئادىئولانىڭ خاراكتىرى بويىچە قارىغاندا، ئۇ مانچېستىر شەھىرىنى يىتەكلەشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئومۇميۈزلۈك باھالايدۇ ۋە ئىستىقبالىنى مۆلچەرلەيدۇ. گۇئادىئولا ناۋادا كېلەر يىلى يازدا ئېنگىلاند بىرلەشمىسىگە كېلىپ، مانچېستىر شەھىرىگە ترېنېر بولسا، ئۇ يەردە ئۇنىڭ بارسېلونادىكى سابىق ئىشداشلىرى بار، مانچېستىر شەھىرىنىڭ پۇتبول باشقۇرغۇچىسى ۋە CEO، يەنە ئاگۈيرو، سېلۋا، يايا تورى، زابالەيتا قاتارلىق توپچىلارمۇ ھەممىسى ناتونۇش ئەمەس.



خەتكۈچلەر:
24-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
20-05-2016
   يېقىندا جۇڭگو ‹‹4 – ماي›› ياشلار مېدالىنى تارقىتىش، مۇكاپاتلاش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. خوتەن ‹‹بالىم›› خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئوبۇلھەسەن ئوبۇلقاسىم ئاپتونوم رايونىمىزدىن بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن ئىككى مۇنەۋۋە...
20-05-2016
    لى ليەنجيې «ئەجدىھا جاھاننىڭ ئۇ چېتىدە» دېگەن فىلىمىدە ئايال باش پېرسوناژ لى جىغا بىر كۆرۈپ ئاشىق بولغان. 1999-يىلى لى جى بىلەن لى ليەنجيې 10 يىلغا يېقىن مۇھەببەت سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ توي قىلغان.  &...
20-05-2016
فەن بىڭبىڭ 20-ماي مىكرو بلوگىغا ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرىنى چىقاردى.
20-05-2016
    يېڭى بىر ئەۋلاد بېنىز E دەرىجىلىك ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پۈتۈنلەي يېڭى E دەرىجىلىكنىڭ جەمەت ئىچىدىكى باشقا تۇغۇندى ماشىنا تىپىمۇ ئەۋلاد يېڭىلاشنى كۈتىۋالدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ساياھەت نۇسخىسى، ئۈستى ئوچۇق نۇسخىنىڭ يول ...
19-05-2016
ئىسىم-فامىلىسى: ماھىرە ئەمەت تۇغۇلغان ۋاقتى: 1987-يىلى-5-ئاينىڭ 24-كۈنى مىللىتى: ئۇيغۇر خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ئېگىزلىكى: 1.73 ئېغىرلىقى: 54كىلوگرام تۇغۇلغان جايى: ئۈرۈمچ...
19-05-2016
     جاڭ بوجى 18 ياش ۋاقتىدا ئېلان ئىشلەش ئۈچۈن شياڭگاڭغا قايتىپ كەلگەن بولۇپ، كېيىن «كومىدىيە شاھى» فىلىمى ۋە «يۇلتۇزلارغا نىدا» ناملىق MTV نى ئىشلەپ داڭق چىقارغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تاماشا چەمبىرىكىگە كىرمىگەن بولسا سېستىر...
18-05-2016
ئىسىم-فامىلىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ يۇرتى: گۇما-سانجۇ ئېگىزلىكى: 1.76 مېتىر ئېغىرلىقى: 56 كىلوگىرام قىزىقىشى: سەنئەت ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەسىل: باھار ۋە ياز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە پائالىيىتى: ...
18-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو، نورۋېگىيە پادىشاھى ھەرار Ⅴ خانىش Sonja، قىزى مېتتې- مارىت مەلىكە، شاھزادە خاكونلار نورۋېگىيە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان بولۇپ، شاھزادە خاكون توختىماي بۇرنىنى كولاش، ئ...
18-05-2016
   شياڭگاڭ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سابىق ئىشتات باشلىقى، كىنو چولپىنى ئارنولد شىۋاسشىنگېر ئۆيىدىكى بالا باققۇچى ئايال بىلەن غەيرىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ، پەرزەنتلىك بولغان. بۇ ئىش ئايالى م...
18-05-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلار پارتىيەسىنىڭ سايلام نامزاتى ترۇمپ ئائىلسىنىڭ مال-مۈلكىنىڭ 10 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ سان تاشقى دۇنيانىڭ ئىلگىرىكى مۆ...
Powered by Leglek