خەلقئارا لىنىيەسى مەخسۇس خەۋىرى: ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 1-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، بىرازىلىيەنىڭ پاسسو فۇندودا بىر ئائىلىدىكى ئۈچ كېزەك ئاچا-سىڭىل 28-مارت كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، ئۇلار مۇراسىمدا ئوخشاش توي كۆينىكى كىيىپ، چاچلىرىنىمۇ ئوخشاش پاسوندا ياسىۋالغاچقا، يىگىتلەر قايسىسىنىڭ ئۆز ئايالى ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمىغان.
بۇ ئۈچ كېزەكنىڭ ئىسمى رافالا، روچېلې، تاگىنې بولۇپ، 29 ياشتا ئىكەن، چىرايى، تەقى-تۇرقى ئوخشاش بولغان بۇ ئۈچ كېزەك تاللىغان يىگىتلەرمۇ قارىماققا ئوخشاپ كېتىدىكەن. 28-مارت ئۇلار بىر كۈندە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئۈچ يىگىت بىلەن توي قىلغان.
توي مۇراسىمىدا ئۈچ ئاچا-سىڭىل ئوخشاش توي كۆينىكى كىيىپ، چاچلىرىنىمۇ ئوخشاش پاسوندا ياسىۋالغان، قوللىرىغا بولسا ئوخشىمىغان رەڭدىكى گۈل كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنى پەرق ئېتىشتىكى بىردىنبىر بەلگە بولۇپ قالغان. يىگىتلەر قەسەم سۆزى قىلغاندا خاتالىشىپ قېلىشتىن بەكلا ئەنسىرىگەن، چۈنكى تويدىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ بۇ ئۈچ كېزەكنى ئالماشتۇرۇپ قويغان ۋاقىتلىرىمۇ بولغان.
بۇ كوللېكتىپ توي مۇراسىمىدا جەمئىي 18 قىز قولداش ۋە بالا قولداش بار بولۇپ، ئۇلار كېلىنچەككە ئوخشاش ياسانغان، بۇ ئۈچ كېلىنچەك ئۇچ قېتىم گۈل ئېتىپ، مۇراسىمنى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىتىۋەتكەن.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved