ئالجىرىيەنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى تايىب.لۇ 30-سېنتەبىر ئالجىرىيەنىڭ فرانسىيەلىك ھېرۋې گۇدىلنى تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان بىر قانچە تېررورچىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتكەنلىكىنى ئېيتتى.
تايىب.لۇ تاراتقۇلارغا: ئالجىرىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ تېررورلۇق ۋەقەسىگە قاتناشقانلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتتى، دېدى، ئەمما ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تۇتقۇنلار ئىلگىرى ئىنتېرنىتتا ئىككى يۈرۈش ۋىدىئو ئېلان قىلدى، ساقچىلار تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق ۋېدىئونىڭ كېلىش مەبىئىيىنى ئىزدەپ، مۇھىم يىپ ئۇچىغا ئىگە بولدى. بىز پەردە ئارقىسىدىكى قارا قوللارنى قانۇن تورىغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن ئايانمايمىز.
ئالجىرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قوراللىق ئۇنسۇرلار 21-سېنتەبىر فرانسىيەلىك ھېرۋې گۇدىلنى تۇتقۇن قىلىۋالغان. 24-سېنتەبىر ئىنتېرنىتتا ئېلان قىلغان ۋىدىئودا نىقاپلانغان تۆت قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ ھېرۋې گۇدىلنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئالجىرىيە ۋە فرانسىيە ھۆكۈمەتلىرى شۇ كۈنى ھېرۋې گۇدىلنىڭ قەستكە ئۇچرىغانلىق خەۋىرىنى ئىسپاتلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved