ئۈرۈمچىدە 7-دېكابىر كېچىدىن باشلاپ 8-دېكابىر كېچىگىچە قاتتىق قار يېغىپ ، شەھەر رايونىنىڭ قاتنىشىغا كۆپ ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى ، گەرچە يوللاردا قىستاڭچىلىق كۆرۈلسىمۇ ، ئادەتتىكى ۋاقىتلارغا سېلىشتۇرغاندا قاتناش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەرمىدى .
8-دېكابىر مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە ، 8-دېكابىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش ئومۇمىي ئەھۋالى ياخشى بولغان ، جەمئىي 158 قېتىم قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن . قاتناش ئەھۋالى ياخشى بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۆز تېخنىكىسىغا ئانچە ئىشەنچ قىلالمىغان ۋە ئاپتوموبىل ئەھۋالى ياخشى بولمىغان شوپۇرلار ئاپتوموبىل ھەيدىمىگەن ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ھاۋارايى ناچار بولغاچقا نۇرغۇن شوپۇر ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ ۋە ئاپتوموبىل ئارىلىقىنى ساقلاپ يول يۈرگەن بولغاچقا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدى ئېلىنغان .
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved