19-ماي 2015-يىللىق « جۇڭگو ساياھەت كۈنى ». بۇ كۈنلەردە شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى ساياھەت يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. نۇرغۇن ساياھەتچىلەر يارغول قەدىمىي شەھىرى، يالقۇنتاغ، بۇيلۇق، كارىز قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ، بۇ يەردىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلاندى. لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيان ئېلېكتىروۋۇز بىلەن ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا بېرىشقا بىر سائەتلا ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تۇرپانغا كېلىپ ساياھەت قىلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق بولغان. تۆمۈريول تارماقلىرى يەنە « چېچەك مەخسۇس لىنىيەسى »، « ئۈژمە مەخسۇس لىنىيەسى »، « ئۈزۈم مەخسۇس لىنىيەسى »، «ئۇستقۇددۇس مەخسۇس لىنىيەسى » قاتارلىق ساياھەت مەخسۇس لىنىيەلىرىنى يولغا قويۇپ، مۇۋاپىق پەسىلدە پويىز ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغىچە يېتىپ بېرىپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
![]() |
16-ماي كەچتە خۇنەننىڭ شياڭشىغا جايلاشقان سۇمرۇغ قەدىمىي شەھىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان توجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ھەرخىل رەڭدە چىراغ نۇرلىرى جۇلالىنىپ، قەدىمىي شەھەرگە ئۆزگىچە تۈس ئاتا قىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved