پۇتىن تۈركىيەدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بەش تەدبىر قوللىنىشى مۇمكىن

           روسىيە بومباردىمانچى ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىك سەۋەبىدىن تۈركىيە بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈرمەيدۇ، ئەگەر شۇنداق قىلىدۇ دەپ قارىساق، پۇتىن ۋە ئۇنىڭ ئەقىل ئامبىرىنىڭ تاكتىكىسىنى بەك تۆۋەن چاغلاپ قالغان بولىمىز. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىمالدىكى كۈچلۈك قوشنىسىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغان تۈركىيەمۇ روسىيەنىڭ ئۆزىدىن ئۆچ ئالمايدىغانلىقىدىن ئۈمىد كۈتۈپ يۈرمەسلىكى كېرەك. خەلقئارا مۇناسىۋەتتە «كۈچلەر باراۋەرلىكى» دەيدىغان بىر گەپ بار، ئەگەر سىز بۇ تەڭپۇڭلۇقنى ئاۋۋال بۇزۇۋەتسىڭىز، ئۇ ھالدا باشقىلارنىڭ «ئۆچ ئېلىشى» دىن ئاغرىنماسلىقىڭىز كېرەك.

          تاراتقۇنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، روسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى زور دەرىجىدە چېكىنگەن بولۇپ، مەلۇم دائىرىدە تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەڭ كېلەلمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن. بۇنداق ئانالىزنىڭ مەلۇم ئاساسى بولسىمۇ، ئەمما روسىيەنىڭ بىر چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىگە سەل قارالغان، روسىيەنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى تۈركىيەگە نىسبەتەن مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە. ئەگەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرسە، روسىيەنىڭ تۈركىيەنى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرىدىغان تەدبىرلىرى كۆپ.

بىرىنچى تەدبىر: تەبئىي گاز تەمىناتىنى ئۈزۈش. ھازىر تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى قىش پەسلىگە كىرىپ، تېمپراتۇرا نۆلدىن تۆۋەنلەپ بولدى، تۈركىيەلىكلەرنىڭ %83 تى تەبئىي گاز ئارقىلىق ئىسسىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بۇ دۆلەتتە ھەر يىلى ئىستېمال قىلىنىدىغان تەبئىي گازنىڭ %60 تى (تەخمىنەن 30 مىليارد كۇب مېتىر) روسىيەدىن كېلىدۇ، بۇنىڭ ئومۇمىي سوممىسى يەتتە مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. گەرچە تۈركىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر باشقا جايدىن تەبئىي گاز سېتىۋالىمىز دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تاللاش دائىرىسى چوڭ ئەمەس.

ئىككىنچى تەدبىر: ئىتتىپاق تۈزۈش. ئۇزۇندىن بۇيان، تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كۇرد بۆلگۈنچى كۈچلىرى (ئىزاھات: ئاساسلىقى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ئىزچىل تۈردە تۈركىيەنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كەلمەكتە. ئەگەر روسىيە بۇ جەھەتتە ئازراق ھەرىكەت قوللىنىپ قويسا ـــ مەسىلەن كۇرد قوراللىقلىرى بىلەن ئۇچراشسا، تۈركىيەنى چەكلەش، تۈركىيەدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.

ئۈچىنچى تەدبىر: ھەربىي مانىۋېر. روسىيە قىرىم يېرىم ئارىلىقى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، قارا دېڭىزنى كونترول قىلىش كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. پۇتىن روسىيە ئارمىيە قارا دېڭىز رايونىدا بىر قېتىملىق «جەڭ تەييارلىقىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش» مانىۋېرى ئېلىپ بېرىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، نەچچە ئونلىغان ئۇرۇش پاراخوتى، نەچچە يۈز دانە كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە نەچچە يۈز دانە جەڭ ئاپتوموبىلى، زەمبىرەك چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق، تۈركىيەگە «ئۆزىنى كۆرسىتىپ» قويسا بولىدۇ.

تۆتىنچى تەدبىر: دېڭىزغا چىقىش. ھەممەيلەنگە مەلۇم، قارا دېڭىزغا كىرىپ- چىقىش كونترول ھوقۇقىنى تالىشىش روسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ بىرسى. ئەينى يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى تازا گۈللەنگەن دەۋردە، ئۇنىڭ ئاۋىئاماتكا ئەترىتى دېڭىزغا كىرىپ- چىقىشتا تۈركىيە غىڭ قىلالمايتتى. روسىيەنىڭ قارا دېڭىز فلوتىنىڭ ئەمەلىي كۈچى گەرچە ئىلگىرىكىگە يەتمىسىمۇ، ئەمما پاراخوت ئەترىتى قارا دېڭىز بىلەن ئوتتۇرا دېڭىز ئارىلىقىدا پات- پات قاتناپ يۈرسە، تۈركىيە تەرەپكە ھەيۋە كۆرسىتىش رولىنى ئوينىيالايدۇ.

بەشىنچى تەدبىر: ئەسكەر كۆپەيتىش. تۈركىيەنىڭ بۇ قېتىم روسىيە بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى روسىيەنى ئەمدى يەنە بەشار ھۆكۈمىتىگە ياردەملىشىپ، سۇرىيە ئۆكتىچى قوراللىقلىرىغا زەربە بەرمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. ئەمما پۇتىن بۇنىڭدىن قورقۇپ قالارمۇ؟ بۇنىڭدىكى تېخىمۇ زور ئېھتىماللىق شۇكى، روسىيە ئەسكەر چېكىندۈرمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە سۇرىيەدە ئەسكەر كۆپەيتىشى، ھەمدە سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بولسا، پۇتىن ئەڭ ئاخىرقى تەدبىرنى قوللىنىپ بولدى ـــ سۇرىيەدە ئىككى قېتىم روسىيە ئارمىيەسىگە زەربە بەرگەن ئۆكتىچى تەشكىلات «تۈركمەن بېرىگادىسى» نى شىددەتلىك بومباردىمان قىلدى، ھەمدە قارا دېڭىز فلوتىدىكى «موسكۋا» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن ئوكيان چارلاش پاراخوتى ۋە S-400 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى سۇرىيەگە ئەۋەتتى. روسىيە بۇ ئارقىلىق تۈركىيەگە «ئاۋۋال ساڭا ھۇجۇم قىلمايمەن، ئەمما سۇرىيەدىكى چاپارمەنلىرىڭنى يىغىشتۇرالايمەن، قېنى قانداق قىلالايسەنكىن.» دەيدىغان ئەلپازىنى كۆرسىتىپپ قويدى. تۈركىيە ئەگەر چېگرا ئاتلاپ ياردەم بەرمەكچى بولىدىكەن، ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئۇنى ساقلاپ تۇرىدۇ. جەڭگىۋار مىللەتنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈشنىڭ ئاقىۋىتى چوقۇم ئېغىر بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
02-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek