توخنىياز ئىسمائىل خەۋىرى، فوتوسى: دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تىياتىر كۆرىكىدە ئوينىلىدىغان تىياتىرلارنىڭ بىرى بولغان ‹‹غۇنچەم›› دىراممىسى 16-ئۆكتەبىر كەچتە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا ئوينالدى. ‹‹غۇنچەم›› دىراممىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك يازغۇچىسى زۇنۇن قادىرىنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، 1940-يىلى ئىجاد قىلىنغان. بۇنىڭدا ئاقكۆڭۈل، ۋاپادار، چىرايلىق، ئىشچان قىز غۇنچەم بىلەن سادىق، مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغان، مەردۇ-مەردانە يىگىت نۇرۇم ئوتتۇرىدىكى پاك مۇھەببەتنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئەينى زاماندىكى پومشىچىكلارنىڭ بىچارە خەلقنى تۈرلۈك ئامال-چارىلەر بىلەن ئەزگەنلىكى، ھاشار-سېلىققا سېلىپ يەرلىرىنى تارتىۋالغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازاد زامانغا بولغان تەلپۈنۈشى ئەينەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تىياتىر كۆرىكىدە ئىلى ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ‹‹مۇھەببەتكە تولغا زېمىن››، ‹‹بوۋاينىڭ يېڭى خوتۇنى›› ناملىق ئىككى دىراممىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ‹‹مال بازىرىدىكى كونا ھويلا››، ‹‹پاكلانغان روھ›› ناملىق ئىككى دىراممىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ‹‹تارىم›› ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ‹‹قىسمەت كۆۋرۈكى›› ناملىق دىراممىسى، قومۇل ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ‹‹چىن مودەن›› ناملىق دىراممىسى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ‹‹غۇنچەم››، ‹‹تورلاشقان مۇھەببەت›› ناملىق ئىككى دىراممىسى ئوينىلىدىكەن.
بۇ قېتىمقى تىياتىر كۆرىكىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان. بۇ تىياتىر كۆرىكى 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
17-ئۆكتەبىر، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا ئوينالغان ‹‹غۇنچەم›› دىراممىسىدىن كۆرۈنۈشلەر
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved