كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەر خولېستېرىن مىقدارىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۆۋەن خولېستېرىنلىق يېمەكلىكلەر، ئوتتۇرا ھال خولېستېرىنلىق يېمەكلىكلەر ۋە يۇقىرى خولېستېرىنلىق يېمەكلىكلەر دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1. يۇقىرى خولېستېرىنلىق يېمەكلىكلەر ئاساسلىقى ھايۋانلارنىڭ مېڭىسى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ئادەتتە بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئامال بار ئازراق ئىستېمال قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئىستېمال قىلىشقا توغرا كەلسە، ھەر ئايدا ئىستېمال قىلىش قېتىم سانى بىر قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئادەتتە ھايۋانلارنىڭ مېڭىسىدە خولېستېرىننىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ، يەنى ھەر 100 گىرام قوي مېڭىسىنىڭ تەركىبىدە 2004 مىللىگرام خولېستېرىن، ھەر 100 گىرام كالا مېڭىسىنىڭ تەركىبىدە 2447 مىللىگرام خولېستېرىن بولىدۇ. ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدىمۇ خولېستېرىننىڭ مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، مىقدارى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئادەتتە ھايۋانلارنىڭ ھەر 100 گىرام ئىچكى ئەزاسىدا 200 مىللىگىرامدىن 400 مىللىگىرامغىچە خولېستېرىن بولىدۇ.
2. ئوتتۇرا ھال خولېستېرىنلىق يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسلىقى بېلىق تۈرىدىكىلەر، مەسىلەن: ئاق ئامۇر بېلىقى، تاپان بېلىق، لاققا بېلىق قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىمۇ خولېستېرىننىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، يەنى ھەر 100 گىرامىنىڭ تەركىبىدە 100 مىللىگىرامدىن 290 مىللىگىرامغىچە خولېستېرىن بولىدۇ.
3. تۆۋەن خولېستېرىنلىق يېمەكلىكلەر ئاساسلىقى ياغسىز كالا، قوي گۆشلىرى بولۇپ، ھەر 100 گىرام قارا گۆش تەركىبىدىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارى ئادەتتە 100 مىللىگىرامدىن تۆۋەن بولىدۇ.
![]() |
ساختا دورا سېتىش قىلمىشى خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق.
ماۋ فامىلىلىك بۇ يىل 36 ياش، راڭفېن ناھىيىسىدىن، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 2014-يىللىرى، ماۋ فامىلىلى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved