2015-يىلى 16-دېكابىر، تېررورچى ئۇنسۇرلار پاكىستاننىڭ پېشاۋاردىكى بىر مەكتەپكە ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا 132 نەپەر بىگۇناھ ئوقۇغۇچى پاجىئەلىك ھالدا ئۆلۈپ كەتكەنىدى. يېقىندا، جۇڭگولۇق ئارتىس ياۋ چېن پاكىستاننىڭ پېشاۋاردىكى، ئافغانىستان مۇساپىرلىرى لاگىرىنى زىيارەت قىلغان. پارلاق قۇياش نۇرى ئاستىدا، بالىلارنىڭ شادىمان كۈلكىلىرى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى. يېقىندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ جۇڭگودىكى دوستلۇق ئەلچىسى ياۋ چېن پاكسىتانغا يېتىپ بېرىپ، 5-يىللىق ئۆز خىراجىتى بىلەن زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى. بۇ قېتىم، ئۇ پاكىستاننىڭ ئافغانىستان مۇساپىرلىرى لاگىرىغا يېتىپ بارغان، ئۇ شۇ جايدىكى مەكتەپلەرنى نۇقتىلىق زىيارەت قىلىپ، تۈرلۈك يېزىش-سېزىش قوراللىرى، تەنتەربىيە بۇيۇملىرى ئاپارغان. ياۋ چېن 2015-يىلى <<نەنسېن مۇساپىرلار مۇكاپاتى>>غا ئېرىشكۈچى ئاچىلا ئاسىفى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇنىڭ قىزلار مائارىپى توغرىسىدىكى پىكىرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان.
مەكتەپكە كىرگەندە ياۋ چېن: <<ئاچىلا خانىم مېنىڭ ئۈلگەم>> دېگەن.
2010-يىلى 6-ئايدا، ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىگە قاتناشقاندىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فىلىپىننىڭ مانىلادىكى مۇساپىرلار، تايلاند-بىرما چېگرىسىدىكى مۇساپىرلار، ئافرىقا ئېفىئوپىيە مۇساپىرلىرى ۋە لىۋان-سۈرىيە مۇساپىرلىرىنى زىيارەت قىلغان، بۇ جەرياندىمۇ پۈتۈنلەي ئۆزى خىراجەت قىلغان، بارغانلا يېرىدىكى ئەھۋاللارنى تورلاردا ئېلاپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى مۇساپىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلغان.
بۇ قېتىم پاكسىتاندىكى ئافغانىستان مۇساپىرلىرى لاگىرىنى زىيارەت قىلىشتا، ياۋ چېن ئاۋۋال سورىغاندىن باشقا يەنە، ئۆز يېنىدىن خىراجەت قىلىپ يېزىش-سېزىش قوراللىرى، تەنتەربىيە بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ، شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچىلارغا بەرگەن. قىزلار مەكتىپىدە ياۋ چېن مەكتەپنىڭ بەرپاچىسى ئاچىلا خانىم بىلەن سۆھبەتلەشكەن، 2015-يىللىق <<مۇساپىرلار مۇكاپاتى>>نىڭ ساھىبى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاچىلا خانىم بىر ئۆمۈر پاكىستاندىكى مۇساپىر قىزلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە تۈرتكە بولغان. ياۋ چېن مۇنداق دېگەن: <<ئاچىلا خانىمنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، مېنىڭچە ئۇ بىر قالتىس ئايال، ئۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالايدۇ. بۇ ئىشلار تارىخ بېتىگە يېزىلىدۇ. ئۇ ئافغانىستان تارىخىدا ئاياللارنىڭ مائارىپ تەربىيەسى قوبۇل قىلماسلىق ئەنئەنىسىنى ئۆزگەرتتى. مەن ئۇنى ئۈلگەم دەپ بىلىمەن، ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن قىممەتلىك دەرس ئۆتۈپ بەردى.>>
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ جۇڭگودىكى دوستلۇق ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياۋ چېن بەش يىللىق زىيارەت ۋە يوقلاش خىزمىتىدە، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ مۇساپىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە دەۋەت قىلىپ كەلدى. بۇ يىلقى زىيارەتتە ئۇ شۇ جايدىكى مەكتەپلەردە نۇقتىلىق زىيارەتتە بولۇپ، بالىلار بىلەن پىكىرلەشتى. بىر بالىلار پارالېچى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوغۇل بىلەن پىكىرلەشكەندە، ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلاپ، يىغلاپ كېتىدۇ ھەم مۇنداق دەيدۇ: <<شۇنچە يىللاردىن بېرى، مەن نۇرغۇن دۆلەتلەرگە مۇساپىرلارنى يوقلاپ باردىم. نۇرغۇن قېتىم شۇنچىلىك ئازابلاندىم، مەيۈسلەندىم. بۇ خىزمەتتىن ۋاز كەچمەكچىمۇ بولدۇم. ھەر قېتىم مەن سىزدەك مۇساپىرنى كۆرگىنىمدە، شۇنچىلىك ئىشەنچكە، ئۈمىدكە تولىمەن، قەتئىي ئىرادىگە كېلىمەن، سىلەرنىڭ ئۆز ۋەتىنىڭلار ۋە تۇپرىقىڭلارنى قىزغىن سۆيۈشتەك روھىڭلار مېنىڭ بەكمۇ تەسىرلەندۈردى، مەن ئامالنىڭ بارىچە سىلەرگە ياردەم بېرىمەن.>>
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved