بىر تالاي ئىنكار قىلىشلار ،ئاساسەن يېڭى ئۇچۇر يوق ،ئايروپىلان يەنىلا تېپىلمىدى.ئەنگىلىيە مۇھاپىزەت گېزىتىدە:‹مالايسىيا ھۆكۈمىتى 13-چىسىلا ،MH370 ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋەقەسىنىڭ مۇخبىرلار كۈتىۋىلىش يىغىنى مانا مۇشۇنداق سۆزلەر بىلەنلا ئاياغلاشقان.
يولۇچىلارئايروپىلانى يوقاپ كەتكەن 6-كۈنى ،مالايسىيا ئاخباراتچىلىقى ۋەخەلىقئارا جامائەت پىكىرچىلىكىدە چوڭ كۆلەمدە پىتنە -ئىغۋا تارقالغان بۇلۇپ ،بەزىىلىرى "مالايسىيا ساقچى تەرەپلىرى شۇ قېتىملىق ئايروپىلان گۇرپىسىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىچىدىكى ،ئازدېگەندە بىر نەپەر خىزمەتچىنىڭ ئائىلىسىنى ئاقتۇردى" دېسە، يەنەبەزىلىرى "ئەھۋالنى بىلدىغان زاتلار MH370 نىڭ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن يەنە تەخمىنەن 4 سائەت ئەتراپىدا ئۇچقانلىقىنى دەلىللىدى،ھەمدە ئايروپىلاننىڭ مەلۇم بىر سىرلىق جايغا ئۇچۇپ كەتكەنلىكىدىن گۇمان قىلىشتىن "دېيىشكەن.
ئەمما تۈنۈگۈنكى مۇخپىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ،مالايسىيا مۇداپىئە مىنىستىرى يۇقىرقى تارقالغان مىش-مىش پاراڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلدى .ھەمدە مالايسىيانىڭ ھېچقانداق ئۇچۇرنى يۇشۇرمىغانلىقىنى تەكرارلىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگونى ئۆزئىچىگە ئالغان كۆپ دۆلەت كۈچلىرى، ئاخىرغىچە تەكشۈرۈپ ،قۇتقۇزۇشنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك بۇلىشىدىن ئۈمۈت ئۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved