خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ئىيۇل گىرېتسىيە زۇڭلىسى چىپراس مۇنداق دىدى: ياۋرو رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ھالدا قۇتقۇزۇش لاھيىسنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. گىرېتسىيە پارلامېنتى بۇ تەكلىپنى بېلەت تاشلاپ ماقۇللىقتىن ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ،بۇ تەكلىپنىڭ مەزمۇنى دەسمايىنى تىزگىنلەپ، ھەق تۆلەپ قايتۇرىۋېلىش بەلگىلىمىسىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
چىپراس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھۆكۈمەت بانكىلارنىڭ قەرىز ئالغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق تۇرالغۇسىنى مۇسادېرە قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ،بەزى ھەمكارلىق دۆلەتلەر يەنىلا گىرېتسىيەنى ياۋرو رايونىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ دەپ قارايدۇ.
چىپراس يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھۆكۈمەت بۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە پۈتۈن زېھنىنى سىياسىي ئىسلاھات، چىرىكلىككە ۋە باجدىن قېچىشقا زەربە بېرىشكە قارىتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved