جاھان ئاگېنتلىقى 7-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بىر ISIS «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى قۇماندانى ۋە 26 نەپەر ISIS ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى. ئىراقتا بولسا ISIS بىر ئۇرۇش ئايرۇپىلانى ۋە بىر تىك ئۇچارنى چۈشۈردى.
ISIS كە يېقىن بىر تىۋېتتر ھىساباتىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دىب ھۇدىجان ئۇتەيبى ئىسىملىك ISIS ئەزاسى سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلدى.ئۇتەيبىنىڭ يەنە بىر ئىسمى بولسا ئەبۇ ئەممار جەرزاۋى.
مەركىزى ئەنگىلىيەدە بولغان سۇرىيە ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ ئېيتىشىچە، سۇرىيەنىڭ ھاما رايۇنىنىڭ 50 كىلومىتىر غەربى جەنۇبىدىكى ھامادى ئۆمەر مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن ھاۋا ھۇجۇمىدا 26 نەپەر ISIS ئەزاسى ئۆلدى.
ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاق كۈچلىرى سىنتەبىر ئېيىدىن بۇيان سۇرىيەدىكى ISIS نوقتىلىرىغا زەربە بېرىۋاتىدۇ. ئامېرىكا تاشكى ئىشلار باياناتچىسى پاسكىغا سۇرىيە پرېزىدېنتى بەششار ئەسەدنىڭ ، ئەنگىلىيە ئاخبارات ئورگىنى BBC بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ISIS قا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئىراق ۋە باشقا دۆلەتلەردىن مەلۇمات ئالغانلىقىنى ئەسلەتكەن، پاسكى يۇقارقى باياناتنى رەت قىلغان ئىدى.
پاسكى، سۇرىيەدە ھۆكۈمەت بىلەن ھېچقانداق مەلۇمات ئورتاقلاشمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئامېرىكا ئايرۇپىلانلىرى بىلەن ھەپىلەشمەسلىك ھەققىدە سۇرىيەنى ئاگاھلاندۇردۇق، ئەمما ھۆكۈمەتنڭ رۇخسىتىنى تەلەپ قىلمىدۇق. ISISنىڭ زېمىنغا ئېرىشىشىگە شارائىت ياراتقان ئەسەد ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلاشمايمىز» دېگەن.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بەش بۈرجەكلىك بىنا باياناتچىسى جون كىربىي سۆز قىلىپ، ئەسەدنىڭ مەلۇمات ئورتلاقلاشقانلىق ھەققىدىكى سۆزىگە ئالاقىدار، «ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىزدا ئەسەد ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىقتا ئەمەسمىز. » دېدى.
ئىراقتا ISIS ھۇجۇملىرى
ئىراقتا بولسا ISIS ئارمىيەگە ئائىت بىر ئۇرۇش ئايرۇپىلانى ۋە بىر تىك ئۇچارنى چۈشۈردى. بىر ئىراق ئەسكىرى مۇخبىرغا سۆز قىلىپ، ISIS قۇراللىقلىرىنىڭ تۈنۈگۈن كەچ ئەر-رۇد رايۇنىدا 1 تىك ئۇچارغا راكىتا بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ، تىك ئۇچارنىڭ باغدادنىڭ غەربىدىكى خان دارى رايۇنىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
ساقچى تەرەپ، ISIS قۇراللىقلىرىنىڭ بۈگۈن ئەتتىگەن ئەنبار ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئەل كەرمە رايۇنىدا بىر ئۇرۇش ئايرۇپىلانىنى چۈشۈرگەنلىكى ۋە ئايرۇپىلان ئۇچقۇچىسىنىڭ ئۆلگەنلىكنى تىلغا ئالدى. ئەنبارغا قاراشلىق ئەل كەرمە رايۇنىدا تېرور تەشكىلاتى ISIS بىلەن ئىراق ئارمىيسى ئارىسىدا قاتتىق تۇقۇنۇش يۈز بەرمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved