رۇسىيەدىكى ئويمىياكون شىمالىي يېرىم شاردىكى ئەڭ سوغۇق جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، يانۋاردا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 46.4 سېلسىيە گرادۇس، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 71.2 سېلسىيە گرادۇس ئىكەن. يەرلىكلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر سىز شۇ قەھرىتان كۈنلەردە تۈكۈرسىڭىز ، تۈكۈرىكىڭىز يەرگە چۈشمەي تۇرۇپلا مۇزغا ئايلىنىپ قالىدىكەن.
ئويمىياكوندا پەقەتلا قىش پەسلى بولغاچقا، بۇ يەرنىڭ تۇپرىقى مەڭگۈلۈك توڭلاپ كەتكەن، شۇ سەۋەبدىن يەرلىكلەر ئۆيلىرىنى يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن ياغاچ قوزۇقنىڭ ئۈستىگە سالىدىكەن. ئەگەردە ئۆينى توڭلاپ كەتكەن تۇپراقنىڭ ئۈستىگە سالسا، ئۆينىڭ ھارارىتى توپىنى بوشىتىپ، ئۆي ئۆرۈلۈپ كېتىدىكەن. بۇ ئۆيلەر تولىمۇ پۇختا، سوغۇققا چىداملىق قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ئۆينىڭ دېرىزىلىرىمۇ تۆت، بەش قات كېلىدىكەن.
ھەدىدىن زىيادە سوغۇق مۇھىتتا ئاپتوموبىل قوزغۇتۇش ئىنتايىن قىيىن، بۇ مۇھىتتا چەت ئەلنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى قوزغۇتۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، پەقەت رۇسىيە ئىشلەپچىقارغان ‹‹ئۇلار›› ماركىلىق دالا ئاپتوموبىلى بىلەن‹‹ UAZ ››ماركىلىق جېپنىلا قوزغاتقىلى بولىدۇ، ئەمما ئاپتوموبىل يولغا چىققان ئالدىنقى نەچچە كېلومېتىردا چوقۇم ئېھتىياتچانلىق بىلەن تۈز سىزىق بويلاپ مېڭىش كېرەك، بولمىسا ئاپتوموبىل ئەگىلگەندە بالون ئوقتىن ئاجراپ كېتىشى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved