ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، ھىندىستان چاڭدىگار (Chandigarh)، راجىۋ كۇمار (Rajiv Kuma) ئىسىملىك بىر ۋېلىسپىت ھەۋەسكارى ئۆزى ياسىغان غەلىتە بىر ۋېلىسپىتنى مىنىپ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىن بومباي شەھىرىگە بارغان، بۇ جەرياندا ئۇ جەمئىي 1000 ئىنگىلىز مىل يول يۈرگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق يېڭى جىنىس رىكورتى ياراتماقچى بولغان.
راجىۋ كۇمار چاڭدىگارلىق بولۇپ، ئۇ ياساپ چىققان ۋېلىسپىتنىڭ ئېگىزلىقى سەككىز ئىنگىلىز چىسى ئالتە ديۇيم چىقىدۇ، ئېگىزلىكىنى يەنە 10 ئىنگىلىز چىسى ئىككى ديۇيمغا ئېگىزلەتكىلى بولىدۇ.
راجىۋ كۇمار 1991-يىلى دادىسى قالدۇرۇپ قويغان ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ تۇنجى قېتىم ئۆزى ۋېلىسپىت ياساپ چىققان، 1999-يىلى يەنە بىر ۋېلىسپىت ياسىغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 13 ئىنگىلىز چىسى كېلەتتى، بىراق ساقچىلار مەزكۇر ۋېلىسپىتنىڭ يولغا چىقىشىنى چەكلىگەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved