ئامېرىكىدىكى ئىرقى كەمسىتىش مەسلىسىنىڭ ئارقا كۆرىنىشى

ئامېرىكا كۆچمەنلەردىن تەركىب تاپقان كۆپ مىللەتلىك، كۆپ مەدەنىيەتتىكى دۆلەت. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىرقى كەمسىتىش مەسىلىسىنىڭ جەريانى ئۇزۇن. 1619-يىلى 1-تۈركۈمدىكى ئافرىقىلىق قارا تەنلىكلەر يېڭى قۇرۇقلۇققا يۆتكەپ ئېلىپ كېلىنگەندىن باشلاپ، قارا تەنلىكلەر قۇل سۈپىتىدە ئۇزۇن مۇددەت ئامېرىكىدا كەمسىتىشكە ئۇچراپ قۇل بولۇپ كەلدى. گەرچە 1865-يىلى ئامېرىكا فىدىراتسىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ 13-تۈزىتىلمە لايىھىسىدە قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش جاكارلانغان بولسىمۇ، ئەمما قۇللۇق تۈزۈم بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدا پۈتۈنلەي يوقىمىدى. ئامېرىكىنىڭ مىسسىپى شتاتى 1995-يىلى 3-ئايدىلا قۇللۇق تۈزۈمنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى رەسمىي جاكارلاپ، ئامېرىكىدىكى قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان ئەڭ ئاخىرقى شتاتقا ئايلاندى.

 

قۇللۇق تۈزۈمنىڭ قانۇنلۇق مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىغا ئەگىشىپ، ئىرقى ئايرىمىچىلىق تۈزۈمى ئىلگىرى ئامېرىكىدا ئىنتايىن كەڭ ئومۇملاشقان. ئامېرىكىدا بەزى جايلاردا قانۇندا ھەتتا قارا تەنلىكلەر بىلەن ئاق تەنلىكلەر ئاممىۋى ئاپتوبۇس، رېستۇران قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا ئايرىم تۇرۇشى، قارا تەنلىكلەر چوقۇم ئاق تەنلىكلەرگە ئورۇن بېرىشى كېرەك دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. 1964-يىلى ئامېرىكا پارلامېنتتا «خەلق ھوقۇقى قانۇن لايىھىسى»نى ماقۇللاپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئىرقى ئايرىمىچىلىق ۋە كەمسىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش مەنئىي قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قارا تەنلىكلەرگە قانۇن مەنىسىدىن باراۋەرلىك ھوقۇقىنى بەردى.

 

ئىلگىرى ئۇزاق مۈددەت قانۇنلۇق مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان قۇللۇق تۈزۈم ۋە ئىرقى ئايرىمىچىلىق تۈزۈمىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر. ھازىرغا قەدەر ئامېرىكىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بولۇپمۇ قارا تەنلىكلەر يەنىلا جەمئىيەتتە ئەڭ تۆۋەن قاتلامدا تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىرقى ئايرىمىچىلىقنى ئامېرىكىنىڭ ھەر قانداق جايىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ھەتتا 2006-يىلى ئامېرىكىنىڭ لوئىسئەننا شتاتىدا بىر ئاق تەنلىك ئايال شوپۇرنىڭ قارا تەنلىك ئوقۇغۇچىغا ئاق تەنلىك ئوقۇغۇچىغا ئورۇن بېرىشقا مەجبۇرلاشتەك ئەھۋال كۆرۈلگەن. گەرچە بۇ شوپۇر خىزمەتتىن توختىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ «ئىرقى ئايرىمىچىلىق» ئېڭىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەر ئارىسىدا يەنىلا بازىرى بار ئىكەنلىكىنى يېتەرلىك چۈشەندۈرىدۇ.

 

بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىدا قارا تەنلىكلەر يەنە بىر خىل ئادىللىق يېتەرسىز بولۇشتەك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سېستىمىسىدا ياشىماقتا. ساقچىلار زوراۋانلىق كۈچىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرۈز يەتكۈزمەكتە. قارا تەنلىكلەرنى ئۆز ئالدىغا جازالاش، جىنايەت ئويدۇرۇش، قانۇنسىز مەجبۇرىي قولغا ئېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر تېخى تۈگىمىدى. يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئامېرىكىدا نەچچە ئون قېتىم ئىرقى كەمسىتىش سەۋەبىدىن قارا تەنلىكلەرنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈش كۆرىشى يۈز بەردى. بۇ ئېتىراز بىلدۈرۈش كۆرىشىنىڭ پىلتىسى بەلكىم ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ قارا تەنلىكلەرنى سەۋەبسىز قولغا ئېلىشى ياكى ئۇلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشى ۋە ياكى ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ قارا تەنلىكلەرگە چىقارغان ھۆكۈمىنىڭ ئادىل بولماسلىقىدىن بولىشى مۈمكىن.

 

يېرىم ئەسىردىن بۇيان، توختىماي كۆرەش قىلىش ۋە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئامېرىكىدا قارا تەنلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا، مائارىپ ۋە ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەرگە قاتنىشىش ئەھۋالىدا بەلگىلىك ياخشىلىنىش بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئاق تەنلىكلەر بىلەن قارا تەنلىكلەرنىڭ نىكاھلىنىشىمۇ بارغانسېرى جەمئىيەت تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنشقا باشلىدى. ئىرقىزىمغا ئالاقىدار گەپ سۆزلەرمۇ كەڭ دائىرىدە مەنئىي قىلىندى. ئامېرىكا ئىرقى كەمسىتىشنى تۈگىتىش جەھەتتە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى.

 

ئەمما، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئاز سانلىقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغانلار ئامېرىكىدا يەنىلا ئاجىز ئامما، ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى ئەمگەك كۈچى بازىرىدا، ئاق تەنلىك خوجايىنلار تۈرلۈك بانالارنى تېپىپ ئافرىقىلىقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ خىزمەت تەلىپىنى رەت قىلدى. ئىرقى كەمسىتىش ئېڭى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولۇپ، قارا تەنلىك قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئامېرىكىدا باشتىن ئاخىرى 2-دەرىجىلىك پۇقرا، ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق مەسىلىلەردە كەمسىتىشكە ئۇچراش ئەھۋالى يەنىلا مەۋجۈت. مەسىلەن فېرگوسۇن رايونىدا ئاھالىلەرنىڭ %70 ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن، ئەمما بۇ رايوندىكى مەمۇرىي، ئەدىلىيە، مائارىپ قاتارلىق ئاپپاراتلاردا ئاق تەنلىكلەر ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بۇ خىل فۇرگوسون ئەھۋالى ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئاق تەنلىكلەر بىلەن ئاز سانلىقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغانلار ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا كۆپ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

 

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قارا تەنلىكلەر ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىق ئىچىدە جان تالاشماقتا، ياشاۋاتقان مۇھىتىنىڭ ناچار بولۇشى سەۋەبىدىن قارا تەنلىكلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى ئۇزاق مەددەت يۇقىرى نىسبەتتە تۇرماقتا، بۇ ئەكسىچە جەمئىيەتتە ئاساسى قاتلامدا تۇرغان ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئافرىقىلىقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئاممىنى كەمسىتىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.


ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ساقايماس كېسەلنىڭ بىرى بولغان ئىرقى كەمسىتىش مەسىلىسى ئامېرىكا ھۆكۈمتىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ئۇزاق مۈددەتلىك سىناق. ئىرقى كەمسىتىشنى پەقەت ئىدىيە جەھەتتە تۈپتىن تۈگىتىپ، قارا تەنلىكلەر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلىغاندىلا، ئۇلارنىڭ ئاق تەنلىكلەر بىلەن بولغان پەرقىنى كىچىكلەتكىلى، بۇ خىل ساقايماس كېسەلنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

 



خەتكۈچلەر:
02-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek