ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى ئۈچ قېتىملىق مەمۇرىي تەستىقلاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن جەمئىي 317 مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ،تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ تەستىقلاش مۇددىتىنى قىسقارتىپ ،رەسمىيەتنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ،بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى .شەندۇڭ ئۆلكىىسدىن كەلگەن بىر كىشى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم بىر ناھىيىسىدىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا مەبلەغ سالماقچى بولدى .ئىلگىرى يەر كىنىشكىسى ياكى ئۆزىنىڭ ئۆي زىمىن كىنىشكىسى بولمىسا تىجارەت كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايتى .ئەمما خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يېڭىدىن چىقارغان كارخانا تۇرۇشلۇق جاينى تىزىملاش چارىسىغا ئاساسەن ،بازارلىق ھۆكۈمەت چىقىرىپ بەرگەن سانائەت باغچا رايونىغا كىرگەنلىك ئىسپاتى ئارقىلىق بۇ سودىگەر تىجارەت كىنىشكىسىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىۋالدى .
پۈتۈن جەريان بىر ئاي .ئەتراپىدا قىسقاردى ،چۈنكى شەرقىي شىمالدا قۇرۇلۇش مۇددىتى بىر قەدەر قىسقا بولىدۇ ،بۇ سودىگەر بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى قىسمىدىكى رەسمىيەتنى بىجەرىپ بۇلۇپ ،قۇرۇلۇشنى كېلەر يىلى باشلاشنى ئويلاشقان ئىدى ،ھازىر قۇرۇلۇشنى بۇ يىلنىڭ ئۆزىدە تامالىيالايدىغان بولدى . بۇنىڭدىن باشقا ئىلگىرى ئاز دېگەندە ئۈچ خىزمەت كۈنىدە بىجەرىپ بولىدىغان دۆلەت بېجى ،يەرلىك باج تىزىملاش كىنىشكىلىرىنى ھازىر پەقەت رەسمىيەت تۇلۇق بولسىلا نەق مەيداندىلا ئالغىلى بولىدۇ ،ئالدىن تەستىقلاش كېيىن تەستىقلاشقا ئۆزگەرتىلىپ ،يەككە سودا سانائەتچى كارخانىلار 1109 بۇلۇپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 381 ى كۆپەيگەن .بۇلتۇردىن بۇيان خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىيى تەستىقلاشنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى ئۈچ نۆۋەت قانات يايدۇرۇپ ،363 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ساقلاپ قېلىپ ،بۇلتۇرقىدىن يېرىمىنى ئازايتتى .ھەم توردا مەمۇرىي ئىشلار مەركىزى قۇردى . ئۆلكىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك تەستىقلىندىغان تۈرلەرنى كارخانىلار توردا بىۋاستە ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ . تەستىقلاش سۈرئىتى 75% تېزلىدى . بۇنىڭدىن سىرىت خېيلۇڭجياڭ يەنە ئاساسلىق ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى مەمۇرىي تەستىقلاش ئۈچۈن ئىش تەرتىپى سخېمىسى تۈزۈپ ،ھەر قايسى ئىش تەرتىپلىرىنىڭ مەمۇرىي سۇبيېكتى بېجىرىش ئاساسىي ۋە تەستىق مۇددىتىنىڭ دائىرسىنى قاتتىق بەلگىلەپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى باشتىن ئاخىر نازارەت قىلدى ،قايسى ھالقىدا مەسىلە كۆرۈلسە شۇ ھالقىنى تەكشۈردى ، بۇ ھالقا قايسى ھالقىغا مۇناسىۋەتلىك بولسا شۇ ھالقىنى تەكشۈرىدۇ ،بۇنىڭ بىلەن قائىدىگە خىلاپ گۇۋاھنامە بېجىرىش ئادەمگەرچىلىك ۋە مۇناسىۋەت ئارقىلىق گۇۋاھنامە بېجىرىشنى توسىغىلى بولىدۇ .
بۇنىڭدىن سىرىت بۇ توغرىسىدىكى مىساللارنى ئېلىپ ئۆتسەك ،«دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئورگان ئىسلاھاتى ۋە ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 1013-يىلى 4-ئايدا ئېچىلغان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا، 1-تۈركۈمدە 71 مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرىنى ئالدى بىلەن بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش قارار قىلىندى. بۇ-ئورگانلارنى تەڭشەش ئاساسىدا، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشنى كونكرېت يولغا قويۇش باسقۇچىغا كىرگۈزگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرىي تەستىقلاش ھوقۇقىنى ئازايتىشى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈشى-ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش شۇنداقلا بازار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق. «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئورگان ئىسلاھاتى ۋە ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسى»گە ئاساسەن، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشنىڭ 1-تۈرى-مەبلەغ سېلىشنى تەستىقلاش تۈرىنى ئازايتىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش بولدى، بۇنىڭدىن ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئىسلاھاتتىكى مۇھىم ئورنىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، شۇ قېتىمقى ئورگان ئىسلاھاتىدىن بۇرۇن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئالتە نۆۋەت مەمۇرىي تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى قىلىپ، 2400 دىن ئارتۇق تەستىقلاش تۈرىنى بىكار قىلغان ۋە تەڭشىگەن، بۇ-ئەسلىدىكى تەستىقلاش تۈرى ئومۇمىي سانىنىڭ %70 نى ئىگىلەيدىكەن. 1-تۈركۈمدە بىكار قىلىنغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى-مەبلەغ سېلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيەتلىرى تۈرى بولدى، بۇمۇ جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىگە ماس كەلدى. نۆۋەتتە، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تارماقلىرى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى باشقۇرۇشقا قارىتا، مەبلەغ سېلىش ئاساسىي گەۋدىسى، مەبلەغ سېلىش دائىرىسى، چېكىنىڭ ئوخشىماسلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، تەستىقلاش، تەكشۈرۈش، ئەنگە ئېلىشنى يولغا قويماقتا. ئىسلاھاتتىن كېيىن، بىر قىسىم مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەستىقلاش بىكار قىلىنىدۇ، بىر قىسىم تۈرلەرنى تەستىقلاش يەرلىككە چۈشۈرۈلىدۇ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەستىقلايدىغان تۈرلەر بولغان تەقدىردىمۇ، تەرتىپى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، چەكلىك مۇددەتتە بېجىرىلىدۇ. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى سەي جىمىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىقلاش ھوقۇقى بىكار قىلىنغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئالدىغا ئۆتۈۋېلىش ئەھۋالىنىڭ تۈگىشىدىن ئۈمىد بار، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ھەممە ئىشقا ئارىلىشىشتىن چەكلىك مەسئۇل بولۇش يولىغا قاراپ مېڭىپ، ئۇششاق ئىشلارنى باشقۇرۇشنى ئازايتىپ، مۇھىم نۇقتىسىنى ماكرولۇق باشقۇرۇشنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىشكە قارىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىنى ئىلمىيلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىدۇ.
نۆۋەتتە، ئېلىمىزدىكى مەركەز بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت ئايرىمىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان، لېكىن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تارماقلىرىنىڭ بەك كۆپ، بەك ئىنچىكە باشقۇرۇش مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خىزمەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا. بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا، يەرلىككە ھوقۇقنى چۈشۈرۈپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەم مەبلەغ سېلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيەتلىرىدىكى مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ھەم مەخسۇس يۆتكەپ چىقىم قىلىشنى ئازايتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇندىن بۇرۇن، مەمۇرىي تەستىقلاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن چاغلىرىمۇ بولغان ئىدى. 2012-يىلى 12-ئايدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ قىسمەن قانۇن، بەلگىلىمىلەرنى ۋاقىتلىق تەڭشىشىنى مەمۇرىي تەستىقلىشىغا ھوقۇق بېرىپ، 20 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىقلاشنى يولغا قويۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلغان ئىدى. بۇ ئىسلاھات دەرھال ئۈنۈم بەرگەن ئىدى.
شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىدار بولغان 170 نەچچە مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرىنى بىكار قىلىپ، مەمۇرىي تىزگىنلەشنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، ئىگىلىك تىكلەش توساقلىرىنى تۆۋەنلىتىپ، تۈرلۈك بازار ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاتقان ئىدى. ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش يەرلىكنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەركەز تارماقلىرى مۇرەككەپ ئۇششاق ئىشلاردىن خالاس بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنى كۈچىنى ماكرولۇق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە قارىتىپ، بازار ۋە جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. جۇڭگو مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە باشلىقى گاۋ شياۋپىڭ مۇنداق دېدى: ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىشنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى، ھۆكۈمەت ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى باھالاش، تەھلىل قىلىش ۋە ئىلمىي مۆلچەرلەشنى كۈچەيتىپ، مۇناسىپ فاڭجېن، نىشان، سىياسەت ۋە تۈزۈملەرنى تۈزۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قوغدىشى كېرەك.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved