پەلەستىننىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 4- سېنتەبىر، غەززا رايونىنى قايتا قۇرۇش خىزمىتى جاپالىق بولۇپ، دەسلەپكى مۆلچەرگە قارىغاندا 7 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېتىشى مۇمكىن، دېدى.
پەلەستىن تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەت ئشتايا مۇنداق دېدى: 50 كۈن داۋاملاشقان قۇراللىق ھەرىكەتتە غەززا رايونى ئۇچرىغان بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك زىيان 4 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكىتىدە غەززا رايونىدىكى 60 مىڭ يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي ۋەيران بولدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 20 مىڭ يۈرۈش پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغان بولۇپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: غەززا رايونىنى قايتا قۇرۇش خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق بولۇپ، ئىسرائىلىيە خادىملار ۋە ماددىي ئەشيالارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، غەززا رايونى چېگرا ئېغىزىنى پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved