كىم قولىدا كەپتەر چوڭلۇقىدىكى ئالماسنى تاقىۋالغان بولسا، بۇ ئايالنى كۆرسەڭلار ئېلىۋېتىڭلار، بەك كىچىك كۆرۈنىدۇ.
ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت مۇنداق دەيدۇ: ئۇنىڭدىكى ئۈنچە مەرۋايىتنىڭ سانى ئۇنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ.
پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق 22 تاجنىڭ 14 ئۇنىڭدا.
يەنە بەزىلەر: ئۇنىڭدىكى ئۈنچە مەرۋايىت بىلەن يېرىم يەرشارىنى يورۇتقىلى بولىدۇ.
ئۇيېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئۈنچە مەرۋايىتى ئەڭ كۆپ ئايال. شۇنىڭ بىلەن بىللە سىياسىي سەھنىدىمۇ كۈچلۈكلۈكتە داڭ چىقارغان ئايال. ئەنگىلىيە پارلامېنتى، ئايال پادىشاھ ئېلزابىت ئىككى، پادىشاھ فىلىپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كونتىروللىقى ئاستىدا ئىدى، ئۇدەل بۈگۈنكى باش قەھرىمان _ ئەنگىلىيە خان ئانىسى مارى.
بۇ سۈرەتتىكى ئۈنچە مەرۋايىتىلىرىنىڭ باھاسى يۈز مىليوندىن كەم ئەمەس.
كۆپ قىسىم ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۈنچە مەرۋايىت ھەشەمەتلىك بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئۈنچە مەرۋايىت يىغىپ ساقلاشمۇ خام خىيالدەك بىلىنىدۇ، پۇلدار بايلار بولسىمۇ، بىرقانچە داڭلىق دۇكاندىن ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغاننى سېتىۋالىدۇ خالاس، لېكىن خان ئانىسى مارىغا نىسبەتەن، ئادەتتىكى ماركىلار ئۈنچە مەرۋايىت دەپمۇ ھېسابلانمايدۇ.
بەزى خاتىرىلەردە خاتىرلىنىشىچە، ئايال پادىشاھ ئېلزابىت ئىككىنىڭ ئۈنچە مەرۋايىتلىرى تەخمىنەن 300 دانە ئەتراپىدا ئىكەن (بۇلارنىمۇ مارى خان ئانا بەرگەن ئىكەن)، مارى خان ئانا ياش ۋاقتىدا ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيەنىڭ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىلا ئۇنىڭ 1500 دانە ئۈنچە مەرۋايتى بار ئىكەنتۇق.
كۆك ياقۇتنى كۆرۈپ بېقىڭ.
ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدىلا ئۈنچە مەرۋايىتقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىگەن، ھەم بىر ئۆمۈرىنى ئۆزىنىڭ ئۈنچە مەرۋايىتقا بولغان ھەۋىسىگە سەرپ قىلغان.
خان ئانا مارى يىغىپ ساقلىغان روسىيە خانلىقىنىڭ ئۈنچە مەرۋايىتى رومبا شەكىللىك كۆك ياقۇتى ۋە ئالماس قويۇلغان مەيدە ئىزنىكى.
ئۇنىڭغا ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ ئاۋستىرالىيە ۋە گېرمانىيە خانلىق ئۈغنچە مەرۋايىتلىرىغا بولغان قىزىقىشىغا ۋارىسلىق قىلغان، ئۇ گېرمانىيە ۋە ئاۋستىرالىيەنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان خابۇس قەسىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىمۇ بىلىدۇ.
ئۇ يەنە كەھرىۋا، زۇمرەت تاش ۋە ئالماسنىمۇ ياخشى كۆىدۇ، ئۇنىڭ يىغىپ ساقلىغان ئۈنچە مەرۋايىتلىرىنىڭ ئىچىدە ئالماس ھەممىدىن كۆپ سالماقنى ئىگەللىگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە ھازىرغا قەدەر دۇنيا بويىچە ئەڭ يوغان «كولنان ئالمىسى» مۇ بار.
كولنان بىرىنچى نومۇرلۇق ئالماس.
كولنان ئالمىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى 3106 كارات، يەنە 621 گىرام. پەرەز قىلىنغان باھاسى 750 مىليون ئامېرىكا دوللىرى. بۇ ئۇنىڭ توي مۇراسىمىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا.
توي مۇراسىمى كۈنى ئۇ بېشىغا ئون مىڭتال ھەر خىل رەڭدىكى ئالماس تاقىغان. ئۇ تاقىغان ھەممىدىن چوڭ ئالماسنىڭ ئېغىرلىقى 802.8 كارات.
يېشىل زۇمرەت تاش قويۇلغان زەنجىر.
بۇ زەنجىرگە 8 دانە يۇمىلاق شەكىلىدكى زۇمرەت تاش قويۇلغان، ئەتراپىغا ئالماستىن كۆز قويۇلغان. ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكىدىن باشقا، ئالدىغا چۈشكەن ئىككى مىدالىيون. بۇ ئايال پادىشاھ ئېلزابىت ئىككى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان زىبۇزىننەتنىڭ بىرى.
جورجنىڭ مومىسىنىڭ زۇمرەت تاشلىق قىسقا زەنجىرى
بۇ زەنجىر بۇرۇن دىئاننا خانىشقا تەۋە ئىدى، بۇنى پادىشاھ سوۋغا قىلغان بولغاچقا، ھەم ئەنگىلىيە پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ داڭلىق زىبۇ زىننەت بولغانچقا، دىئاننا خانىش ۋاپات بولغاندىن كېيىن يەنە ئەسلى ئىگىسىنىڭ قولىغا قايتىپ كەلگەن.
بۇ مەيدە مىدالىيونىنى خان ئانا مارى بەك ياخشى كۆرۈپ تاقايتتى، لېكىن جورج بەش ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇنى ئانچە تاقاپ كەتمەيدىغان بولغان.
بۇ خان ئانا مارى بىلەن ھازىرقى ئايال پادىشاھ ئېلزابىت تاقىغان مىدالىيون، كۆپ قېتىم تاقالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا قويۇلغان زۇمرەت تاشنىڭ باھاسىغا تەسىر يەتكۈزەلمىگەن.
بۇ خان تاجىنى گارراد ياسىغان، جەمئىي 488 تال ئالماس ئىشلىتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئالماسنىڭ ئېغىرلىقى 3.25 كارات كېلىدۇ.
بۇ تاجدا ئۈچ دانە سۇ تامچىسى شەكلىدىكى مەرۋايىت قويۇلغان.
بۇ ئىككى خىل ئىشلەتكىلى بولىدىغان تاج، ھەم تاج ھەم زەنجىر قىلىپ تاقىغىلى بولىدۇ.
بۇ تاج 1902-يىلى ياسالغان، جەمئىي 675 ئالماس كۆز قۇيۇلغان، ئېغىرلىقى 102.75 كارات كېلىدۇ.
خان ئانا تاقىۋالغان بۇ تاجغا بەش دانە زۇمرەت تاش قويۇلغان. باھاسى ئىنتايىن قىممەت.
مانا بۇلار ئاز بىرقىسىملىرى
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved