20 – ئىيۇن پاكىستان بىخەتەرلىك قىسمى ئەسكەرلىرى شىمالىي ۋازىرىستان رايونىنىڭ مەركىزى مىلان شاھتا چارلاش ئېلىپ باردى. پاكىستان ھەربىي تەرەپنىڭ 21 – ئىيۇن بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان بىخەتەرلىك قىسمى شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەبىلىلەر رايونىدا بەلگىلىك نۇقتىدا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ، 30 نەپەر قوراللىق كۈچنى يوقاتقان. پاكىستان ھەربىي تەرەپ 15 – ئىيۇندىن باشلاپ شىمالىي ۋازىرىستان رايونىغا يوشۇرۇنۇۋالغان يەرلىك ۋە چەت ئەللىك قوراللىق كۈچلەرگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. ھازىرغىچىلىك 270 نەپەر قوراللىق ئۇنسۇر بۇ ھەرىكەتتە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved