پاكىستان ساقچى تەرەپنىڭ ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، 29-دېكابىر چۈشتىن كېيىن بۇ دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى ماردان ۋىلايىتىدە ھۆكۈمەت خىزمەت بىناسىغا قارىتىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خارەكتېرىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ھازىرغىچە ئاز دېگەندە 18 ئادەم قازا قىلغان، 47 ئادەم يارىلانغان. ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلىتىش ۋەقەسى ماردان ۋىلايەتلىك دۆلەت سانلىق-مەلۇمات مەركىزى ۋە رويخەتكە ئېلىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا يۈز بەرگەن. پارتلاش يۈز بەرگەن چاغدا بۇ بىنا ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆچرەتتە تۇرۇپ كىملىكىنى ئېلىۋاتقان بولۇپ، 20 نەچچە ياشلاردىكى بىر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى موتوسىكىلىت مىنىپ خىزمەت بىناسىغا بۆسۈپ كىرمەكچى بولغان، لېكىن دەرۋازا ئالدىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەردىلا بومبىنى پارتلاتقان.
پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پارتلاشتا ھازىرغىچە ئاز دېگەندە 21 ئادەم قازا قىلغان.
پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن يارىدارلار تېز سۈرئەتتە يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىلغان، ئېغىر يارىلانغان سەككىز كىشى غەربىي شىمالدىكى ۋەزىرىستان شەھىرىگە ئېلىپ بېرىلغان. ھازىر شۇ جايدىكى ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن رايوننى قامال قىلىپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان.
ئىگىلىنىشىچە، پاكىستان تالىبانلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىپ بۇ ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
![]() |
خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بىڭجۇ بۆلىكىدە دېڭىز يۈزىدە مۇز پارچىلىرى لەيلەپ يۈرمەكتە.
20-يانۋار «قاپاق ياردى» مەزگىلى كىرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بۆل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved