نۇرغۇن كىشى مائاشىنىڭ بىر قىسمىنى يىغىپ قويۇشنى ئويلايدۇ، ئەمما قانچىلىك قىسمىنى يىغسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، خارۋورد ئۇنۋىرسىسىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، ھەر ئايلىق مائاشنىڭ %30ى يىغىش ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن، بۇنداق بولغاندا يىغقان پۇلىڭىز بارغانسىرى كۆپىيىدىگەن. ئەمما بۇ پۇلنى ئالدىن خەجلەپ كۆنۈپ قالغان ئامېرىكىلىقلار ماس كەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىن بىز ياخشىراق پايدىلانساق بولغۇدەك، خوش، ئەمدى گىپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، بەلكىم سىزمۇ مائاشىنى ئاينىڭ ئاخىرىغىچە پاك-پاكىز خەجلەپ بولىدىغانلاردىنمۇ دەيمەن، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەھۋال ياشلار ئارىسىدا ناھايىتى ئومۇملاشقان، ئاي ئاخىرىدا پۇلۇم قالمىدى دەپ ئاھ ئۇرغانلارنى كۆرۈپ تۇرىمىز، ئۇنداقتا مائاش زادى نەگە كەتتى؟
كومپىيوتۇر شىركىتىدە ئىشلەيدىغان ئادىلنى مىسالغا ئالساق، ئۇ بىر ئىنژىنىر، بۇ يىل 28ياشقا كىردى، ئايلىق كىرىمى 8000يۈەن ئەتراپىدا، بۇ مائاش ئەلۋەتتە ناھايىتى يۇقىرى كىرىم ھىساپلىنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ يىغىپ قويغان ئارتۇق پۇلى يوق، ھەتتا پۇلىنى قانداق خەجلەپ تۈگەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ئادىل مۇنداق دېدى: مەن ئارتۇق كىيىم ئالغاندەك ياكى بەك قىممەت غىزالانغاندەك قىلمىغان. ئەمما پۇلۇم مۇشۇنداق تۈگەپ كەتتى. ئۇنداقتا بىز ئادىلنىڭ ھىساباتىغا بىر قاراپ باقايلى: ئۇ ئۆي ئىجارىسىگە ئايدا 2000 يۈەن تۆلەيدۇ، ئاتا-ئانىسىغا 1000يۈەن ئەۋەتىپ بىرىدۇ، ئۆزى 3000يۈەن ئەتراپىدا خەجلەيدۇ، دوستىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش، كىيىم-كىچەك ئېلىش قاتارلىقلارغا يەنە 1000يۈەن خەجلەيدۇ، قالغان 1000 يۈەننى تاسادىپىي ئىشلارغا ئىشلىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا يىل ئاخىرىدا ئۇنىڭ يانچۇقىدا ھىچنىمە قالمايدۇ دېگەن گەپ، ئادىلمۇ بۇ مەسىلىنى تونۇپ يەتكەن، ئەمما ئۇ قەيەردىن باشلاپ بۇ ئىشنى تۈزەشنى بىلمەيۋاتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئادىللا ئەمەس، نۇرغۇن ياشلار ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە، ھازىرقى ئىستىمال ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە ئۇلار پۇل بولسىلا خەجلەشكە ئادەتلەنگەن. ئەمما ئۇلار توي قىلىپ، تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كىيىن توساتتىن پۇل يىغىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يىتىدۇ ھەممە بۇرۇن بۇزغان شۇ پۇللارغا ئىچى ئاغرىدۇ. ئۇنداقتا ئادىلغا ئوخشاش قولىدا پۇل تۇرمايدىغان ياشلارنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشنىڭ چارىسىنى قىلغىلى بولامۇ؟ سەرمايە يۈرۈشتۈرۈش مۇتەخەسىسلىرى بۇنىڭغا مۇنداق مەسلىھەت كۆرسەتتى: بىر ئايلىق مائاشنى ئالدى بىلەن ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ، بىر قىسمىنى مەجبۇرىي يىغىپ قويۇش كىرەك، مەسىلەن ئادىلنىڭ شارائىتىدا ئۇ ئايدا 3000يۈەننى يىغىپ قويسا مۇۋاپىق بولىدۇ، قالغان پۇلنى باھاغا قاراپ تەپسىلىي سىلىشتۇرۇپ خەجلەش كىرەك، يەنى بۇنىڭدىكى بىرىنچى قەدەم: كۈندىلىك چىقىم-كىرىمنى خاتىرىلەپ مىڭىش. بۇنداق بولغاندا سىز دەپتىرىڭىزگە بىر قاراپلا پۇلنى قايسى ئورۇنغا ئارتۇق خەجلەپ قويغانلىقىڭىزنى بىلەلەيسىز، بۇنىڭدىن باشقا، قولىڭىزدىكى پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزنى ئۆستۈرۈشكە خەجلەڭ، مەسىلەن ئادىل ئۆز كەسپىگە ئائىت بىرەر تەربىيەلەش سىنىپلىرىغا قاتناشسا بولىدۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ كەلگۈسىدە مائاشىنىڭ قوشىلىشىغا ساپا ھازىرلىغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يىغىپ قويغان پۇل مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ئۇنى بانكىدىن سەرمايە يۈرۈشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرى سېتىۋىلىشقا سەرپ قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ، گەرچە قارىماقتا ئايدا كىرىدىغان كىرىم كۆپ بولمىسىمۇ، لىكىن تاما-تاما كۆل بولا دېگەندەك، بۇ پۇلمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن سىزگە ئەسقىتىپ قىلىشى مۇمكىن، ئەڭ مۇھىمى ئايدا پۇلنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمىگەندىن كۆرە، پۇلنى پۇل تاپىدىغان ئورۇنغا ۋاقىتلىق قويۇپ قۇيۇش تىخىمۇ ئاقىلانىلىك بولسا كىرەك، ئىشقىلىپ مائاشىڭىزنى ئېلىپلا خەجلەشكە ئالدىرىماڭ، چوقۇم ئاينىڭ ئاخىرىدىكى ھەتتا نەچچە يىلدىن كىيىن پۇشايمان قىلىدىغان ۋاقىتلىرىڭىزنى ئويلاڭ، شۇ ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنىڭ تەقدىرىنى پەقەت يەنىلا ئۆزىڭىز ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىڭىزنى ھىس قىلىپ قالىسىز.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved