ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا ئېچىلغان ئافغانىستان، پاكىستان، جۇڭگو، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى 4 تەرەپ مېخانىزمىنىڭ 2- قېتىملىق سۆزلىشىشىدە، 18 -يانۋار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىنىپ، تالىباننىڭ بارلىق مەزھەبلىرىنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان تىنچلىق سۆزلىشىشىگە بالدۇرراق قاتنىشىپ، سۆزلىشىش ئارقىلىق بارلىق سىياسىي ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشى مۇراجىئەت قىلىندى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى، يىغىنغا قاتناشقان 4 تەرەپ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان قوراللىقلىرىنىڭ تىنچلىق سۆزلىشىش پىلانى ئۈستىدە كېڭىشىپ، بەلگىلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. پىلاندا، كونكرېت تەدبىر تۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، «ئافغانىستانلىقلار يېتەكچىلىك قىلىش، ئافغانىستانلىقلار ئىگىدارچىلىق قىلىش»تىكى تىنچلىق مۇساپىسىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ، ھەم ئەڭ ئاخىردا ئافغانىستان ۋە پۈتكۈل رايوننىڭ ئۇزاققىچە تىنچ، مۇقىم بولۇشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
باياناتتا مۇنۇلار جاكارلاندى، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر، ئافغانىستان دۆلەت ئىچىنىڭ تىنچلىقى ۋە يارىشىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قەرەللىك سۆزلىشىشكە قوشۇلدى، كېيىنكى نۆۋەتلىك يىغىن 2- ئاينىڭ 6- كۈنى، پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، تۈركىيە ئەنقەرەدە، تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى يىلدىرىم تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ 65-قېتىملىق ھۆكۈمەت پىلانىنى ئېلان قىلدى.
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، تۈركىيە ئەنقەرەدە، تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى يىلدىرىم تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ 65-قېتىملىق ھۆكۈمەت پىلانىنى ئېلان قىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved