چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادالىق دەم ئېلىشقا چىققان رېدرېچ مايرخوققا بۇلتۇر مارتتا لاتارىيەدىن 50 مىليون كانادا دوللىرى مۇكاپات چىققان، لېكىن ئۇ بۇ مۇكاپاتنى ئىككى يىل كېچىكىپ ئالغان.
ئىگىلىنىشىچە، رېدرېچ تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، مۇكاپاتىنى بۇ يىل ئېلىۋالغان. رېدرېچ ئىلگىرى مۇكاپاتنى ئېلىۋېلىشنى ئادۋوكاتىغا ھاۋالە قىلغاندا، لاتارىيە شىركىتىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. يەرلىك قانۇنغا ئاساسەن، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى مۇكاپاتنى ئۆزى ئېلىۋېلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇكاپاتنى ئىككى يىل كېچىكىپ ئالغاچقا، ئۆسۈمىدىنلا 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved