2015-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، بېيجىڭ، ئۆزىنى «شاكاللىق بۇرادەر» دەپ ئاتىۋالغان شېنجىنلىق ئەر سانائەتتە ئىشلىتىدىغان چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ بىلەن «100 كۈن بېيجىڭ شەھىرىدىكى توزان سۈمۈرۈش» ۋەزىپىسىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، 100 كۈندىن بۇيان يىغىلغان چاڭ-توزانلاردىن بىر پارچە خىش ياساپ چىقىش ئۈچۈن، بۇ چاڭ-توزانلارنى ئېلىپ تاڭشەندىكى بىر خىش زاۋۇتىغا بارماقچى.
«بېيجىڭ شەھىرىدىكى توزاننى سۈمۈرۈش» نىڭ 84-كۈنى، مەزكۇر ئەر شۇ كۈندىكى ئەڭ ئاخىرقى بېكەت شىجىمېن كۆتۈرمە كۆۋرۈكى ئەتراپىدا تۈتەك سۈمۈرۈۋاتاتتى. بېيجىڭنىڭ يوللىرىغا پىششىق بولمىغاچقا، تېلېفونىدىكى خەرىتىدىن پايدىلىنىپ قايتىش يۆنىلىشىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى.
«بېيجىڭ شەھىرىدىكى توزاننى سۈمۈرۈش» 86-كۈنى، ئەر مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىناسى ئەتراپىدا خىزمەت قىلىۋاتاتتى.
«بېيجىڭ شەھىرىدىكى توزاننى سۈمۈرۈش» نىڭ 87-كۈنى، ئەر چاڭگا مەيدانى ئولېمپىك باغچىسى ئەتراپىدا خىزمەت قىلىۋاتاتتى. بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئېغىر ھاۋا بۇلغىنىش ئۇدا 60 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، شۇ كۈنى ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە يەتكەنىدى.
![]() |
رونالدونىڭ سابىق مۇھەببىتى ئىرىنا شۇ يەر ۋاقتى 25-ئاپرېل ئامېرىكا نيۇيورك مەركىزىي باغچىسىدا سۈرەتكە چۈشكەن، سۈرەتكە چۈشۈش جاريانىدا ئاتلىق ساقچى بىلەن تەڭ يۈگۈرگەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved