نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ياشقا قاراپ كىيىنىش، ياسىنىش كېرەك دەپ قارايدۇ. ئەمما ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 16-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 87 ياشقا كىرگەن موماي خېلېن بۇنداق دەپ قارىمايدىكەن. يېقىندا ئۇ پارقىراق ھالرەڭ كۆڭلەك كىيىپ يەنە بىر قېتىم ئېقىم ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان. ئامېرىكىنىڭ كېنتۇككى ئىشتاتىدا تۇرۇشلۇق خېلېن رەڭلىك، پارقىراق، زامانغا ماسلاشقان مودا كىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈشكە ئامراق بولغاچقا، تورداشلار ئۇنىڭغا «ئەڭ مودا موماي» دەپ باھا بەرگەن. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئالاقە تور بېتى Instagram دىكى ئەگەشكۈچىسى 1 مىليون 700 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، داڭلىق چولپانلاردىن رېخانا، مەرى سەيلىس قاتارلىقلارمۇ ئۇنىڭ مەستانىسى ئىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved