ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، گۇندۇز ئاگايېۋ (Gunduz Agayev) ئىسىملىك سەنئەتكار بۇرۇن «ئادالەتلىك رەھبەر»، «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق»، «تەسەۋۋۇر» قاتارلىق ھەجۋىي سۈرەتلەرنى ياساپ چىققان ئىدى. يېقىندا ئۇ «ۋاجرا» تىپىدىكى سۈرەتلەرنى تورداشلارغا سۇندى.
2015-يىلى ئىشلەنگەن بۇ بىر يۈرۈش سۈرەت ئەسىرىدە، گۇندۇز ئاگايېۋ يەنە بىر قېتىم دۇنيادىكى داڭلىق رەھبەرلەرنى نىشانلىغان بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنى «ۋاجرا» سىياقىغا كەلتۈرگەن. ئەنگلىيە پادىشاھى، چاۋشىيەن رەھبىرى، ئىران ئالىي رەھبىرى ۋە باشقا سىياسى ئەربابلارمۇ ئوخشاشلا «ۋاجرا» غا ئايلانغان. ئەمسە قېنى بىز بىرلىكتە «ۋاجرا» غا ئايلانغان دۆلەت رەھبەرلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
سۈرەتتە: ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىت ئىككىنچى قوش قەۋەتلىك ئاپتوبۇستىن ئۆزگەرگەن «ئۆزگىرىشچان ۋاجرا» سىياقىدا كۈلۈمسىرەشنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئىدى.
سۈرەتتە: روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن.
سۈرەتتە: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما. سۈرەتتە ئوباما ساقچى ماشىنىسىدىن ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ دۇنيا ساقچىسى ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان.
سۈرەتتە: گىرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل. مېركىل ئەسلىدە گىرمانىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق "ھەممىباب" ماركىلىق ماشىنىسىدىن ئۆزگەرگەن ئىدى.
سۈرەتتە: تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان.
سۈرەتتە: ئىران ئالىي رەھىرى ھامىينى. بۇ سۈرەت ئىراننىڭ ئىقتىسادى كۈچى سەئۇدى ئەرەبىستانغا يەتمەيدۇ، ھەربىي كۈچى ئىسرائىلىيەدىن تۆۋەن دېگەننى چۈشەندۈرىدۇ.
سۈرەتتە: چاۋشىيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن.
سۈرەتتە: ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئالىيېۋ (Aliyev).
گۇندۇز ئاگايېۋ ئەزەربەيجانلىق بولۇپ، دۆلەت رەھبەرلىرىنى «ۋاجرا» سىياقىدا ياسىغاندا، ئۆز دۆلەت رەھبىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان. «زۇڭتۇڭ ئالىيېۋ ئەسلىدە نىفىت بۇرغىلاش سۇپىسى ئىدى.» نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېكىسپورت دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەزەربەيجانمۇ خېلى ھاللىق دۆلەت ھېسابلىناتتى. بىراق مەركىزى بانكا پىرىۋوت باشقۇرۇشنى بىكار قىلغاندىن بۇيان ۋە ئامېرىكا فېدىراتىپىنىڭ ئۆسۈمنى ئاشۇرۇشى سەۋەبىدىن، يېڭى باش كۆتۈرگەن ئەزەربەيجاندا پۇل پاخاللىقى كۆرۈلدى.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved