12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا چەتئەل تاراتقۇ تورى ibtimes خەۋەر ئېلان قىلىپ خۇددى iPhone نىڭ مەيدانغا كېلىشى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلارغا قايتىدىن ئېنىقلىما بەرگەنگە ئوخشاش، ئالما شىركىتىنىڭ Apple Watch قول سائىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائەتلىرىگە قايتىدىن ئېنىقلىما بەرمەكتە. گەرچە Apple Watch نىڭ سېتىلىشى باشقا ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلاردىن ئېشىپ چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇنلىغان Apple Watch ئىشلەتكۈچى ئابونتلار بىرىنچى ئەۋلاد Apple Watch نى ئىشلىتىش جەريانىدا ئاز بولمىغان مەسىلىلەرگە يولۇققىنىنى ئىنكاس قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
بۇ مەھسۇلاتنى باھالاش باسقۇچىدا ئالما شىركىتىنىڭ CEO سى Tim Cook ئېلان قىلغان ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ خېرىدارلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىش مەلۇمات دوكلاتىنىڭ بۇ ئەمەلىيەتنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى، Apple Watch نىڭمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ يىل 9-ئايدا ئالما شىركىتى iPhone 6s نى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كۇك Wristly ئېلان قىلغان ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ خېرىدارلارنى رازى قىلىش نىسبەت جەدۋىلىنى ئېلان قىلغاندا خېرىدارلارنىڭ رازى بولۇش نىسبىتىنىڭ 97% كە يەتكەنلىكىنى پەخىرلىنىش ئىچىدە ئېلان قىلغانىدى. لېكىن كۇكنىڭ بۇ سۆزى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى.
50% كە يېقىن ئابۇنتلار Apple Watch نى ئىلىپ 2 ھەپتىدىن كېيىنلا بۇ سائەتنى قايتا تاقىمىغان
بازار تەكشۈرۈش ئاپپاراتى Wristly يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى بازار تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە 50% كە يېقىن ئابونتلار Apple Watch نى ئېلىپ 2 ھەپتىدىن كېيىنلا بۇ مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنىڭ قىممەت بولۇشى، توكىنىڭ ئۇزۇن يەتمەسلىكى، سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن مال قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە بۇ سائەتنى قايتا تاقىمىغان.
Wristly يەنە 340 نەپەر Apple Watch نى تاقاشنى توختاتقان كىشىلەر توپىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈشتە مەلۇم بولۇشىچە 17% زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى ئۆزىنىڭ Apple Watch نى ئىلىپ بىر نەچچە كۈن ئىشلەتكەندىن كېيىنلا قايتۇرىۋەتكەنلىكىنى، 28% ئىشلەتكۈچىنىڭ Apple Watch نى ئىلىپ 2 ھەپتىگە بارا بارمايلا بۇ سائەتنى قايتا تاقىمىغانلىقىنى بايقىغان.
Apple Watch قا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بۇ تەكشۈرۈشكە قارىتا Creative Strategies نىڭ تەھلىلچىسى Ben Bajarin ئىپادە بىلدۈرۈپ: مەسىلىنىڭ ھالقىلىق يېرى كىشىلەر Apple Watch نى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىشلىتىش قىممىتىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بايقىيالمىغان، شۇڭا ئىشلەتكۈچىلەر دەرھاللا بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئۆزلىرى ئارزۇلىغان ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە بولالمىغان. بۇ پەقەتلا بىزنىڭ تۇنجى قەدەمدىكى ئانالىزىمىز، Apple Watch نىڭ ھەقىقىي قىممىتى توغرىسىدىكى باھانى يەنىلا كەلگۈسىدىكى بازار ئەھۋالى ۋە خېرىدارلار بەلگىلەيدۇ دېگەن.
ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ Apple Watch نى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشىدىكى بەش چوڭ سەۋەب
بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا يەنە بۇ مەھسۇلاتنى قايتا ئىشلەتمىگەن كىشىلەرنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەتمىگەنلىكى توغرىلىق سوئال سورالغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزىنىڭ بۇ مەھسۇلاتتىن ئۆزلىرى ئىزدىگەن يېتەرلىك بولغان ئىشلىتىش قىممىتىنى تاپالمىغان، يەنە قىسمەن ئىشلەتكۈچىلەر بۇ سائەتنىڭ باھاسىنىڭ بەكلا قىممەتلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئىشلەتكۈچىلەردىن 65% كىشى سېتىلىش باھاسى 349 ئامېرىكا دوللىرى بولغان Apple Watch Sport نى ئالدىن زاكاز قىلغان. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئەگەر ئالما شىركىتى كۆپلىگەن خېرىدارلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقچى بولىدىكەن، 2-ئەۋلاد Apple Watch نىڭ سېتىش باھاسىنى ئەرزانراق بېكىتمىسە بولمايدىغاندەك قىلاتتى.
بۇ تەكشۈرۈشكە قاتناشقان يەنە بىر قىسىم كىشىلەر Apple Watch نىڭ ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىكى بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى دەپ قارايدىغانلا بولۇپ، Apple Watch نىڭ سۈرئىتىنىڭ تولىمۇ ئاستىلىقى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بۇ مەھسۇلاتقا قارىتا نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ داۋاملىق Apple Watch نى ئىشلەتمەسلىكىدىكى يەنە بىر سەۋەب باتارېيەسىنىڭ ئۇزۇن يەتمەيدىغانلىقى، ھەر ۋاقىت iPhone بىلەن ئۇلىنىپ تۇرمايدىغان قىلىپ لاھىيلىنىشى ئىكەن. يۇقىرىقى مەسىلىلەردىن قارىغاندا كېلەر يىلى 4-ئايدا ئېلان قىلىنىدىغان 2-ئەۋلاد Apple Watch بۇ مەسىلىلەرنى چوقۇم ھەل قىلمىسا بولمايدىغاندەك تۇراتتى.
![]() |
بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى دۆلەتلىك تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قاتارىغا كىردى。
جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرى. تۈنۈگۈن، جۇڭگو ھۆكۈمەت ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved